تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈزەل يېڭى تۇرمۇش بەخش ئەتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا

   شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتى كۆيدۈرگۈچى ئىشقار سېخىنىڭ ئەمدىلا كەچلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەن خادىمى ئابابەكرى ئۆمەرئېلى 7–ئاينىڭ 11–كۈنى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: بۇ يىل ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، پۇتۇڭخۇا سەۋىيەم ئۆستى، پۇلمۇ تاپتىم، دېدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدكە تولغانىدى.

   ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، شۇنداقلا نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ مۇھىم يولى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاساس قىلغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، يېڭىسار ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابابەكرى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
            
   2017–يىلى 4–ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالدى. شۇ يىلى 4–ئاينىڭ 24–كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى 1000 ئارتۇق ئەمگەكچى شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئابابەكرى بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەر–خوتۇن ئىككىسى دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ماھارەت ئىگىلەش بويىچە يېرىم يىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇلتۇر 10–ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالاقىدار ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، شىركەتنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە رەسمىيلەشتۈرۈلگەن خادىملىرىدىن بولۇپ قالدى، ئايلىق مائاشىمۇ 2000 يۈەندىن 3000 يۈەندىن كۆپرەككە ئۆستۈرۈلدى.

   ئابابەكرى: شىركەت بىزنى ئەر–خوتۇنلار ئۆيى بىلەن تەمىنلىدى، ئۆيدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى تەل ئىكەن، سومكىمىزنى كۆتۈرۈپ كىرسەكلا بولىدىكەن، بىز بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندۇق، دېدى. ئابابەكرى بىلەن خوتۇنى بۇ قېتىمقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى ناھايىتى قەدىرلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات ماھارىتىنى تىرىشىپ ئۆگەندى، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، بۇلتۇر رەسمىيلەشتۈرۈلدى، ھازىر ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئايدا ئاز دېگەندە 7000 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. بۇ يىل 4–ئايدا، ئەر–خوتۇن ئىككىسى مائاش كىرىمىگە تايىنىپ، ئۆيىنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قەرزىنى قايتۇردى. ئابابەكرى مۇنداق دېدى: ئائىلىمىز ئىلگىرى نامرات ئىدى، بۇ يىل بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق. خوتۇنۇم ئىككىمىز داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، شىركەت ئەتراپىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئىككى قىزىمىزنى يېنىمىزغا ئەكىلىپ ئوقۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىمەكچى بولۇۋاتىمىز.

   2017–يىلى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىن كەلگەن 47 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى ئابابەكرىگە ئوخشاش يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەردە يىلتىز تارتىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىدىيە، كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ گۈزەل تۇرمۇش باشلىشىغا تەسىر كۆرسەتتى ۋە تۈرتكە بولدى.

   بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايون قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تايىنىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش–يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويدى، پىلان بويىچە دىققەت ئېغىر نامرات 22 ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹ئالتە بىر تۈركۈم›› يولى ئارقىلىق، ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 2018–يىلى 40 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەردىن بىرى بولغان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدىن كەلگەن ئىبراھىم مەتتۇدى بۇ يىل 5–ئاينىڭ 15–كۈنى ئۆز كەنتىدىكى 20 ئادەم بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھازىر تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سېخ ئۇستىسى دەل ئابابەكرى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇستامنىڭ ئىشنى بەك ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆردۈم، مەنمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق رەسمىيلىشىمەن.

   ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى 2500 نەچچە ئارتۇق ئەمگەكچى شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 62 مىڭ 33 ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئابابەكرىگە ئوخشاش نامرات ئائىلىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئۈمىدلەر بىلەن، يېڭى ئىش ئورنىدا تىرىشماقتا، كۈرەش قىلماقتا، بەختلىك يېڭى تۇرمۇشىنى كۈتۈۋالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى