تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈزەل مەنزىرە ئېلىپ كەلگەن گۈزەل ‹‹كېلەچەك››

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شاڭ شېڭ، سۈن شاۋشيۇڭ

   شەرقىي تىيانشان ئېتىكىگە جايلاشقان باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلگىرى چېگرادىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېزا–كەنت ساياھەتچىلىكى يېزا–كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان نامراتلارنى يۆلەشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

   باركۆل كۆلى شىنجاڭدىكى داڭلىق تەبىئىي مەنزىرە رايونى، بۇ مەنزىرە رايونىغا قوشنا بولغان كۆلياقا يېزىسىدىكى ئۈچ كەنت ‹‹كونا›› نامرات كەنتلەردىن ئىدى، ‹‹بايلىقتىن پايدىلىنالماي، نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدىغان›› ھالەت كۆلياقا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جۈنخۇينى ئېچىندۇردى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، يېزا–كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.

   ئۈچ يىلدىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت باركۆل كۆلى ساياھەتچىلىكىنى ئېچىشنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، كۆل ئايلانما تاشيولى، لەيلىمە كۆۋرۈك، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ياسىدى، مەنزىرە رايونىدا ئۆي سېلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ سەھرا ئارامگاھى، قىشلاق ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىدى، ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇش، تۆگىگە مىنىش، ‹‹ئاتلىق بۈركۈت كۆندۈرۈش›› قاتارلىق ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى كىرگۈزدى.

   تۈر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. چازىخۇ كەنتىدىكى دەۋلەتخان بايدان باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدا تازىلىق ئىشچىسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئايدا 1000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، سىرتلاردا چېپىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق، چوڭلارنىڭ ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن، كۆڭلۈم خاتىرجەم.

   تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ تەدبىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى. كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرنى قوندۇرىدىغان ئۆيلىرىنى ئۆزلىرى قول سېلىپ بېزىدى، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

   ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان ماۋلەت ئاسەنشارپ ئەر–خوتۇن قايتىپ كېلىپ سەھرا مېھمانخانىسى ئېچىپ، كۈندۈزى يېمەك–ئىچمەك سودىسى قىلىپ، ئاخشىمى ساياھەتچىلەرنى قونالغۇ بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەر – خوتۇن ئىككىمىز بىر يازدىلا بىر يىلدا سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىمىزدىن يەنە 10 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز.

   سېرىق ماي، قېتىق، قۇرۇت، كەشتە قاتارلىقلارنى سېتىش يولى تېپىلدى، ئۇلارنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بىر كىلوگىرام قۇرۇتنىڭ باھاسى 2016–يىلىدىكى 40 يۈەندىن ھازىرقى 90 يۈەنگە ئۆستى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىردىنلا ‹‹خوجايىن››غا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلىك، يېمەك–ئىچمەك، ئۆرپ–ئادەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا قاتنىشىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىدى.

   كۆلياقا يېزىسى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇنداقتا مەنزىرە رايونىدىن يىراق تاغلىق كەنتلەرنى قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتقىلى بولىدۇ؟ باركۆل ناھىيەسىنىڭ شىرىنزا يېزىسى خەنجياجاڭ كەنتىگە كەلگىنىڭىزدە، يول بويىدىكى تاملارغا سىزىلغان موڭغۇلچە ئۆرپ – ئادەت تەسۋىرلەنگەن كۆركەم رەسىملەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، يېقىنلا يەردە مورىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كىگىز ئۆيلەرنى كۆرەلەيسىز.

   خەنجياجاڭ كەنتى موڭغۇللار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلىق كەنتى، شۇنداقلا نۇقتىلىق نامرات كەنت. مىللىي مەدەنىيەت بىلەن يېزا–كەنت ساياھەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ چەت، يىراق، نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش خەنجياجاڭ كەنتى تاللىغان يول.

   بىر قانچە يىل ئىلگىرى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان موڭغۇل ئەر سەي جيەنجۇڭ كەنتكە قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، كونا ئۆيلىرىنى كىگىز ئۆيگە ئۆزگەرتىپ، ئائىلە مېھمانخانىسى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تاغ، سۇ بارلا يەردە ئاھالە بار، مىللىي يېزىلار ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە ھالىتىنى قانچە ياخشى ساقلىغانسېرى، ساياھەتچىلەرنى شۇنچە جەلپ قىلالايدۇ. 2016–يىلى سەھرا مېھمانخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نەچچە ئايدىلا ساياھەتكە، دەم ئېلىشقا كەلگەن 700دىن كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، ئۇلار بۇ يەردە ئاز بولغاندا ئىككى–ئۈچ كۈن، كۆپ بولغاندا ئون كۈندىن يېرىم ئايغىچە تۇردى.

   ئادەم كۆپەيگەنسېرى، پۇل تاپىدىغان پۇرسەتمۇ كۆپەيدى. كەنتتە نەچچە ئون يىل قوي باققان نامرات ئاھالىلەر سەي جيەنجۇڭنىڭ ‹‹تەمىنلىگۈچىسى››گە ئايلاندى. سەي جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم باققان قوي ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، سىرتتىن قوي كىرگۈزدۇق، بۇلتۇر 50كە يېقىن قوي سويدۇق، بىر قوينى 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ.

   باركۆل ناھىيەسى يېزا–كەنت ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنى ‹‹گۈزەل يېزا–كەنت›› قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈردى. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپا–چاڭدا، يامغۇرلۇق كۈنلىرى پاتقاقتا قېلىش  بۇ، چوڭ قۇلىنچەرى يېزىسى چاڭجياجۇاڭزى كەنتىنىڭ بۇرۇنقى تەسۋىرى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتنىڭ يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلغان، يورۇقلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، يول بويىدىكى ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تېمى ۋە ھويلىلىرى ئۆزگەرتىلدى، يەنە مەخسۇس تازىلىق ئەترىتى قۇرۇلدى.

   ھازىرقى چاڭجياجۇاڭزى كەنتىدە تۈپتۈز يوللار قەدىمىي پۇرىقىنى ساقلاپ قالغان قاتار–قاتار ئەمىن ئۆيلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ يەرنىڭ سۈرەتتەك مەنزىرىسى، كۆپكۆك ئاسمىنى، سۈپسۈزۈك سۇلىرى ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، بۇ يەرنى يىراق–يېقىنغا داڭلىق يېزا–كەنت ساياھەتچىلىكى مەنزىلىگە ئايلاندۇرغانىدى.

   تاغ يەنىلا شۇ تاغ، ئەمما كەنت يېڭى قىياپەتكە كىردى. سەنتاڭخۇ بازىرىنىڭ جۇڭخۇ كەنتى ‹‹ئۆرۈك يۇرتى›› بولۇشتەك بايلىقىغا تايىنىپ، تاغلىق يېزا ئىستىراھىتى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەھرا ئارامگاھى، ئىستىراھەت باغ–ھويلا ئارامگاھىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. يەرلىك ‹‹كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى›› ئەندىزىسىنى قوللاندى، دېھقانلار يەر ئوبوروتى ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ، يىل ئاخىرىدا قولىدىكى پاي بويىچە پايدىغا ئېرىشتى. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەر بۇ يەردە تاغ–دەريالاردىن، يۇرت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىمۇ بارا–بارا تومپايدى.

   كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەيرىتى ئاشتى. يۇرتداشلار ئۆيلىرىنى مېھمانخانىغا ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە ئۇزاقراق تۇرۇشقا جەلپ قىلىشنى پىلانلىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7–ئاينىڭ 11–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى