تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۆز خەۋىرىمىز: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى ئېلان قىلغان سۇ توختاش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 16-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدىكەن.
    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۈرۈمچىنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولىنى غەربكە ئۇزارتىش (سۈنئىي ھەمراھ يولىدىن چىڭجيەن يولىغىچە) ۋە سۈنئىي ھەمراھ يولى (شىسەن يولىدىن جىڭيى يولىغىچە) ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىدا غەربىي تاشقى ئايلانما يولىدىكى DN1400 مىللىمېتىرلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولى ۋە سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى DN700 مىللىمېتىرلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۆزگەرتىلگەن تۇرۇبا يولىنى تۇتاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.
    7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10:00 دىن 7-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10:00 غىچە سۈنئىي ھەمراھ يولى (شىسەن يولىدىن جىڭيى يولىغىچە)دا ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش بويىچە تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇ توختىتىلىدۇ. بۇ چاغدا شىسەن يولى، پىڭچۈەن يولى، چىماشەن يولى، خۈەنۋېي يولى، داپۇگۇ يولى، غەربىي قاراماي يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە سۇ توختايدۇ. چاھارباغ كوچىسىنى بويلىغان يوللاردا سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
    7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 10:00 دىن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10:00 غىچە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولىنى غەربكە ئۇزارتىش (سۈنئىي ھەمراھ يولىدىن چىڭجيەن يولىغىچە) ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش بويىچە تۇرۇبىلارنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇ توختىتىلىدۇ. بۇ چاغدا غەربىي ئايلانما ئوتتۇرا يولى، غەربىي قاراماي يولى، پىڭدىڭ كوچىسى، يىڭىباغ كوچىسى، چىڭخې يولى، چىڭجيەن يولى، خۇڭمياۋزى يولى، جۇجاۋەن 7-ئەترىتى، داچىڭ يولى، غەربىي تاشقى ئايلانما يولى (قاراماي يولىنىڭ شىمالى بۆلىكى)، غەربىي قەشقەر يولى، شىمالىي ۋوگزال يوللىرىدا سۇ توختايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ يولى، تەيشەن كوچىسى، خۇاشەن كوچىسى، سۇڭشەن كوچىسى، لۇشەن كوچىسى، دۇڭتىڭخۇ يولى، شىمالىي ۋېيتەي يولى، تۇدۇڭخابا رايونى سانائەت باغچىسى، بېيجىڭ يولى (قەشقەر يولىنىڭ شىمالىي بۆلىكى)، خېنەن يولى، تەييۈەن يولى، شىمالىي شەھەر غول يولى، بېيجىڭ يولىنىڭ شىمالغا ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
    ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلسە سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ ۋاقتىدا سۇ ئېلىۋېلىشىنى ئەسكەرتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى