تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچ ئايغا يېقىن قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، يېقىندا تىيانشان رايونىنىڭ توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى بويىچە تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى. بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 108 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار بولۇپ، كۈنلۈك توختىتىش مىقدارى 200 ئاپتوموبىل ئەتراپىدا ئىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى «خەلق قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» نىڭ بىرى بولغان توختىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاز دېگەندىمۇ ئون ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ، 1500 دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تەلەپ بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان ئون ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا ئىككىدىن كۆپ ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلىدىكەن.

   بۇنىڭغا نىسبەتەن، تىيانشان رايونىدىكى ئۈچ ئورۇن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قىلىپ قۇرۇشقا تاللانغان، بۇنىڭ بىرى جەنۇبىي ساي يولىنىڭ شىنخۇا توپ تارقىتىش بازىرىدىكى 1-بىنانىڭ ئالدىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 108 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار ئىكەن؛ يەنە بىر ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى جەنۇبىي تىنچلىق يولىنىڭ شىمالىي 1-كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 332 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار ئىكەن؛ ئۈچىنچى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى جەنۇبىي داۋان يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 50 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار. نۆۋەتتە، ئۈچ ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنخۇا توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ 1-نومۇرلۇق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىغان.

سۈرەتتە: تىيانشان رايونىدىكى ئۈچ ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى

    قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ شىنجاڭ جىن رۈيفېڭ شىنخۇا توپ تارقىتىش بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى يېرىم ئاپتوماتىك شەكىلدىكى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا تەۋە بولۇپ، جەمئىي تۆت قەۋەت، بىرىنچى ۋە تۆتىنچى قەۋەتكە دالا ئاپتوموبىلى ۋە سودا ئاپتوموبىلى توختىتىشقا بولىدۇ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەتكە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى توختىتىشقا بولىدۇ. 7-ئاينىڭ بېشىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ھەر كۈنلۈك ئاپتوموبىل توختىتىش ئېقىمى 200 ئەتراپىدا، ئەڭ بېسىق ۋاقىتتا 270 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى