تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈپۈرگە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش

    تورىمىز خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى چاكەش كەنتىدىكى ئوسمان روزىنىڭ سۈپۈرگە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كەنت ئاھالىلىرى ئاق قوناق غولىدىن سۈپۈرگە بوغۇۋاتاتتى.

    كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە، ئۇلار سۈپۈرگە بوغۇپلا قالماستىن يەنە بېيىش ئارزۇسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇردى.

  چاكەش كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاققوناق تېرىپ، سۈپۈرگە بوغۇۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولدى. كەنت ئاھالىلىرى بوغقان سۈپۈرگە گەرچە پۇختا، ئىشلىتىشكە چىداملىق بولسىمۇ، بىراق كۆلەملەشمىگەچكە، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى تۆۋەن ئىدى. ئوسمان روزى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ  « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چاكەش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، 2018-يىلى 5-ئايدا سۈپۈرگە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى.

    كوپىراتىپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە سېتىش يولى كۆپ بولماسلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن قىينچىلىقلارغا يولۇقتى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ چاكەش كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قىيىنچىلىقلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەس-بەستە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ سېتىش يولىنى كېڭەيتىپ بەردى ھەمدە سېتىش سودىگەرلىرىنى كوپىراتىپقا تەكلىپ قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى بوغقان سۈپۈرگە پۇختا، ئىشلىتىشكە چىداملىق بولغانلىقتىن سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

    -بۇ كىچىك سۈپۈرگىنى بوش چاغلىماڭلار، پۈتۈپ چىقىشىغا ماتېرىيال تاللاش، بوغۇش، كېسىپ قىرقىشقىچە بولغان نەچچە باسقۇچ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بوغۇش باسقۇچى ئەڭ مۇھىم، كۈچ كېتىدۇ،-دېدى كەنت ئاھالىسى ھۆرنىسا ياسىن.

    تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كوپىراتىپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوسمان روزى ئابدۇللا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنىپ، ئائىلىسىدە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، كوپىراتىپقا كېلىپ ئىشلىيەلمەيدىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بەردى، ئاھالىلەر تەلەپ بويىچە سۈپۈرگىنى بوغۇپ بولغاندىن كېيىن ھەر بىر دانىسىنى 10 يۈەن باھا بويىچە سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيدىن چىقمايلا پۇل تېپىشىغا ياردەم بەردى.

    -مەن زاۋۇتتا ھەر كۈنى 15 سۈپۈرگە باغلايمەن، بۇنىڭدىن 150 يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ،-دېدى كەنت ئاھالىسى مۇتەللىپ تۇردى مەمەت.

     كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوسمان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەخسۇس بىر ئېغىز ئۆيىنى يەسلى قىلىپ، كىچىك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم تەيىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالىغا قاراش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

     ئوسمان روزى مۇنداق دېدى : ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 72 خىزمەتچى بار، بىر يىلدا 150 مىڭ دانە سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرىلىپ، 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھازىر بىز خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئۆز ئۆيى ئالدىدىلا ئىش قىلالايدىغان، پۇل تاپالايدىغان ھالەتكە ئەكىلىشكە تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى