تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

شىنجاڭدىكى «ساياھەت + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ئەندىزىسى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنى بەرپا قىلدى

قەشقەر كونا شەھىرى. (ياۋ خۇڭبو فوتوسى)

    تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى جۇ كەيلى خەۋىرى: «بۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەت، تولىمۇ مەنىلىك بولدى» گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ يۈزې ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى، قەشقەر كونا شەھەردىكى 6-ئەۋلاد كۇلالچى تۇرسۇن زۇنۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھاياتىدىكى تۇنجى «قەشقەر تەسىراتلىرى» دېگەن خەت بېسىلغان كۇلالچىلىق بۇيۇمىنى ياساپ پۈتتۈردى.

    شىنجاڭدا «ساياھەت+غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»نىڭ بىرىكىشى كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىش بولدى، تارىخىي مەدەنىيەت ئۇلى كۈچلۈك ۋە مول بولغان مەنزىرىسىنى «تاۋلاپ» چىقتى، بۇ خىل بىرىكىش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

    ۋۇ يۈزې ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى سەھەردىلا دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان قەشقەر كونا شەھىرىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدا، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەزىز مېھمانلارنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشىنى ئورتاق ھېس قىلدى، بىرمەيدان مىللىيچە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بەخت تىلەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن قەدىمگە تەقلىد قىلىنغان شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى.

     قەشقەر كونا شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى شەھەر ئىچىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، 3000دىن ئارتۇق سودا-سېتىق دۇكىنى خۇددى شاھمات ئۇرۇقلىرىدەك شەھەر ئىچىگە «چېچىلغانىدى»، ساياھەتچىلەر سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش گىرەلىشىپ كەتكەن قەشقەر كوچىلىرىدا سەيلە قىلغاچ بۇيەردىكى قايناق كەيپىياتقا جور بولۇشتى، ئۇلارنى ھاياجانلانغا سالىدىغان «كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق»لار بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلىشىپ ئۇچراپ تۇردى.

    ساياھەتچىلەر بۇ دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپ تۆمۈرچى بازىرىغا كىرسە، كېيىنكى يول ئېغىزىدىن پاختا بازىرى، دورا بۇيۇملار بازىرىغا كىرەتتى، سول تەرەپكە ئەگىلىپ كۆزنى چاقنىتىدىغان مىس بۇيۇملار بازىرى، ياغاچ ئويما دۇكىنىنى كۆرسە، ئوڭغا ئەگىلىپ مەززىلىك ھىدى كوچىنى بىر ئالغان يېڭىدىن تونۇردىن چىققان ھەر خىل نانلار، قىززىق ھورى چىقىپ تۇرغان ئەتىرگۈل چايلىرىنى كۆرەتتى ... بۇ شەھەردىكى خالىغان بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالسىڭىز، ھەر خىل رەڭ ھەر خىل شەكىلدىكى چىنە-تەخسە، گۈل تەشتىكى، كوزا، چېلەك قاتارلىق ساپال بۇيۇملارنى كۆرمەي قالمايسىز...بۇ يەردە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئەڭ كىچىك ئىشلارغا يوشۇرۇنغان، قەشقەر خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ قىممەتلىك «مىراسلار» ئۇلارغا تولىمۇ ئادەتتىكىچە بىلىنسىمۇ، ئەمما، ھەر ۋاقىت ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايتتى.

    قەشقەر كونا شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى شىشيوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بازار كونا شەھەرنىڭ جېنى. نۆۋەتتە، مەركىزىي جايدىكى ئەنئەنىۋى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تۈرى 130دىن ئاشتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسا بازارنىڭ جېنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارسلىرىنىڭ گۈل تەشتەك، كەتمەن، نان ۋە چىمەن دوپپىلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماي قالمايدۇ.

   قەشقەر كونا شەھەردىكى 6-ئەۋلاد كۇلالچى تۇرسۇن زۇنۇن كىچىكىدىن تارتىپلا بوۋىسىدىن كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر كونا شەھەردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياساش ئۇستىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇن ئۇستام ساياھەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى، ئۇلار بىلەن دوستلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياقتيۇرغانلىقىنى، ھۆرمەتلىگەنلىكىنى كۆرگەندە باشقىچە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوغدىشى، شۇنداقلا ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، مېنىڭ بۇ ھۈنىرىم باشقىچىلا جانلىنىپ كەتتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ ھۈنەر سەنئەت ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن بولاتتى» دەيدۇ ئۇ.

تۇۋالار كەنتى. (ماتېرىيال سۈرەت)
 

    دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايون قاناسنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز زېمىن» دەيدىغان گۈزەل نامى بار، قاناس كۆلى بويىغا ماكانلاشقان تۇۋالار ئات مىنىشقا، قار تېيلىشقا ماھىر, ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بىر مىللەت، تۇۋالار ئىلگىرى كۆچمەن ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

    «چۇۋۇر» بولسا تۇۋالارنىڭ ئالاھىدە چالغۇ ئەسۋابى، ئۇ قومۇش غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول قىسمىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە پەقەت 40 نەچچە كىشىلا بۇ چالغۇنى چالالايدۇ، تۇۋا مىللىتىدىكى جۇڭشى بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى.

    قاناس كەنتىنىڭ ئۈزلۈكسىز سىرتقا ئېچىۋېتىلىشى بىلەن، بۇ يەردە تاللا بازارلىرى، ئاشخانا، يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلار، تۇۋالار زىيارەت نۇقتىلىرى بارا-بارا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 2012-يىلى، جۇڭشى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قاناس مەنزىرە رايونىدا مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇپ، تۇۋالارنىڭ چالغۇلىرىنى چېلىپ، خەلق مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، كۈنلۈكى ئون نەچچە مەيدان ئويۇن قويدى. ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىدە بولسا 20، 30 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساياھەت ئارقىلىق ياخشى كىرىم قىلىش بىلەن بىرگە، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ جايدىكى تۇۋالارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەدەنىيىتىنى قىلىش، شۇنداقلا ئۆزى تەڭ قاتنىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

    يېقىندىن بۇيان، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر بىرىكىشى بىلەن، نۇرغۇن ساياھەتچى ساياھەت داۋامىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئۇچراشتى، چۈشەندى ۋە ئۆزى قول سېلىپ ئۆگەندى، بۇ شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

قاناس كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى