تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسى بىر مۇكەممەل سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۈڭگۈز پەردىسىنى قىرىش مىقدارىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى بىمارنىڭ قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ نۇرنىڭ كۆز ئالمىسىغا چۈشكەندىن كېيىنكى توپلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنغان كۈنى قايتا تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تەكشۈرۈش قىلغان كۈنى قارىچۇقنى كېڭەيتىدىغان (دورا ئارقىلىق كۆزنىڭ كىرپىكسىمان مۇسكۇلىنى ناركوز قىلىپ، كۆزنىڭ تەڭشەش رولى يوقىغاندىن كېيىن نۇرنىڭ كۆز ئالمىسىغا چۈشكەندىن كېيىنكى توپلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ) بولغاچقا، ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى ئانتىبىيوتىك كۆز دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆزنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى تاقىماسلىق كېرەك. شۇڭا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.

   يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن كۆزنى نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟

   بىماردا ئوپېراتسىيە قىلىنغان كۈنى تەخمىنەن ئالتە سائەت ئەتراپىدا غەيرىي ماددا باردەك سېزىم پەيدا بولىدۇ ھەم كۆزىدىن ياش ئاقىدۇ. ئادەتتە ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ نورمال خىزمەت قىلسا ۋە ئۆگىنىش قىلسا بولىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ بىر جەريانى بولىدۇ، بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتسە كۆرۈش قۇۋۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى