تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قايسى خىل ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ؟

    يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازېر نۇردا داۋالاشتا ئاساسلىقى فېمتون لازىر نۇر LASIK ئوپېراتسىيەسى (飞秒激光LASIK手术)، تولۇق فېمتون لازىر نۇر SMILE ئوپېراتسىيەسى (全飞秒激光SMILE手术)، سىرتقى قەۋەت ئوپېراتسىيەسى (表层手术) دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ھەربىر ئۇسۇل بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بىمارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە نۇر چېچىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى، مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى ۋە توپوگرافىك خەرىتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى، كەسپى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.

   ئوپېراتسىيە ھەققى قانچە قىممەت بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولماستىن بەلكى ئۆزىگە ماس كېلىدىغاننى تاللىغاندا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، تولۇق فېمتون لازىر نۇر SMILE ئوپېراتسىيەسى قارشىلىشىش ھەرىكىتىنى كۆپ ئىشلەيدىغانلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ، ئەمما مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ قېلىنلىقىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى؛ فېمتون لازىر نۇر LASIK ئوپېراتسىدە تېخىمۇ كۆپ مۈڭگۈز پەردىسى قالدۇرۇلىدۇ؛ سىرتقى يۈز ئوپېراتسىيەسى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئانچە ئېغىر بولمىغان بولۇپمۇ مۈڭگۈز پەردىسى نېپىز بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. ئوخشىمىغان ئوپېراتسىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بولغاچقا، ئۆزىگە ماس كەلگەننى تاللاش ئەڭ مۇھىم، شۇندىلا ئوپېراتسىيەنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

   يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟

   يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا داۋالاش ئوپېراتسىيەسى پەقەت 18 ياشتىن يۇقىرىلارغا ماس كېلىدۇ، چۈنكى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆز قۇرۇلمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل ئوپېراتسىيەدە ياش چەكلىمىسىدىن سىرت، بىمارنىڭ تەن سالامەتلىكىمۇ ئوپېراتسىيە تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئېممۇنىتېت كېسەللىكى، ھەرىكەت خاراكتېرلىك كۆز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمىغان بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى