تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ياغاچ سىزما شىنجاڭلىق قىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

مەدىنە دامۇ  7-ئاينىڭ 10-كۈنى خېبېيدىكى «100 يىللىق ئۇستام ياغاچ سىزما سەنئەت ئىشخانىسى»دا ياغاچ سىزما سىزماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدىن كەلگەن مەدىنە بالىلىق چاغلىرىدا بىر كېلىشمەسلىك تۈپەيلى ئىككى قولىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. بىراق، كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئامراق قىز بۇ ئىش سەۋەبلىك رەسىم سىزىشتىن ۋاز كەچمىدى. ئۇ شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئىزچىل رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلدى. 2017-يىلى، مەدىنە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى «100 يىللىق ئۇستام ياغاچ سىزما سەنئەت ئىشخانىسى»دا ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي تەربىيەلەشتە تۇنجى قېتىم ياغاچ سىزما بىلەن تونۇشتى، ئۇنىڭدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ سەنئەتكە نىسبەتەن چوڭقۇر قىزىقىش پەيدا بولدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە «100 يىللىق ئۇستام ياغاچ سىزما سەنئەت ئىشخانىسى»غا كەلدى ۋە قاتمۇ-قات سىناقلاردىن ئۆتۈپ، كەسپىي رەسسامغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى