ماتېرىيال سۈرەت
تۇرمۇشتا بېسىم ئېغىر بولسا، روھىي بېسىممۇ ئېغىر بولىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق كېسەللىك. يېقىندا، ئاۋسترىيە ئالىملىرى يېڭى بىر تۈرلۈك تېخنىكىنى كەشىپ قىلغان، ئۇلار شۆلگەي ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىم سەۋىيەسىنى ئۆلچەپ چىققان.
ئاۋسترىيە ۋىيېننا تېببىي داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى 66 پىدائىينى سىناققا تەكلىپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 40 كىشىدە خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر بولغانلىقتىن كەسپىي بۇرۇقتۇرما بولۇش ھالىتى شەكىللەنگەن. تەتقىقاتچىلار پىدائىيلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان ھەمدە سوئال-جاۋاب شەكلى ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە سىناققا قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ شۆلگىيىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كورتىسول سەۋىيەسىنى ئۆلچەپ چىققان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، روھىي بېسىمى ئېغىر، كەسپىي بۇرۇقتۇرما بولۇش ھالىتى شەكىللەنگەن پىدائىيلارنىڭ ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئىككى ۋاقىتتىكى كورتىزول سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى چىققان. كورتىزول سەۋىيەسى بولسا بېسىمغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل ھورمون. ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئادەم بەدىنى كورتىزول ئاجرىتىپ چىقىرىپ ياللۇغنى پەسەيتىدۇ، بۇ چاغدا كورتىزول سەۋىيەسى يۇقىرى بولىدۇ. دەسلەپكى تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئۇسۇل قان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، تۆت سائەت ئىچىدىلا خەتەرلىك بېسىم سەۋىيەسىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %100 كە يېتىدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
ئادەمنىڭ خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر بولسا بىۋاسىتە ئۇيقۇ ناچارلىشىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم كەسپىي خادىم بۇرۇن كەسپىي بۇرۇقتۇرما بولۇش ھالىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: يېڭى تېخنىكا ئۇسۇلى دوختۇرلارنىڭ بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرەلەيدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت