تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرېدتىكى توققۇز يىللىق كەسپىي ھاياتىغا نەزەر

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى: 2009-يىلى 6-ئايدا 80 مىليون فوندستېرلىڭ بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسىدىن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىشتىن 2018-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 105 مىليون ياۋرو بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا يۆتكەلگەنگە قەدەر، كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتا تۇرغان توققۇز يىلدا بىر قاتار شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كوللېكتىپ شان-شەرەپ ۋە شەخسىي شان-شەرەپتە يۈكسەك پەللىگە چىقتى.

   كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىدا 438 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 451 توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭدىكى 311 توپنى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، 105 توپنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كىرگۈزدى، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا نەتىجە بىلەن 1.03 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسى تارىخىدىكى «مەرگەن» بولۇپ قالدى. ئۇ كىرگۈزگەن توپلار خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى مۇھىم كاپالەت بولۇپ، كوماندا ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، ئىككى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، ئىككى قېتىم پادىشاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، ئۈچ قېتىم خەلقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كۇلۇبلارئارا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ۋە ئىككى قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىنكى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچ قېتىم ئۇدا چېمپىيۇن بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

  كوللېكتىپ شان-شەرەپتىن باشقا، كىرىستىيانو رونالدو يەنە ئۆزىگە تەۋە سانسىزلىغان شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ 2013-يىلى، 2014-يىلى، 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى تۆت قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى ئىككى قېتىم خەلقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى»، ئۈچ قېتىم ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەڭ ياخشى توپچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئالتە قېتىم «ئالتۇن ئۆتۈك» مۇكاپاتى ئالدى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى. كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كۈچ قوشقان توققۇز يىلدا كوماندا كۆپ قېتىم خەلقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن« يىللىق ئەڭ ياخشى كوماندا» ۋە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «يىللىق ئەڭ ياخشى كوماندا» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى