تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قەھۋە قان شېكىرىنى كونترول قىلىپ، يۈرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    قەھۋە ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر. شىۋېيتسارىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تېببىي تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، قەھۋە ئىچىشنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىپ، يۈرەك زەخمىلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسى بار ئىكەن.

  مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگلىيە «تەبىئەت . ئالاقە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. شىۋېيتسارىيە سيۇرىخ فېدېراتسىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، باسېل داشۆسى ۋە فىرانسىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى كوفېئىننى ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئورنىغا ئالماشتۇرغان. تەجرىبىدە تەتقىقاتچىلار بىرىكمە بىيولوگىيە گېن زەنجىرى لايىھەلىگەن، بۇ گېن زەنجىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى كوفېئىن مىقدارىغا ماسلىشىپ، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان پېپتىدنى شەكىللەندۈرىدۇ. گېن ئۆزگەرتىشى قىلىنغان كىچىك چاشقاننىڭ بۆرەك ھۈجەيرىسى كوفېئىننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنسۇلىن پەيدا قىلىپ، قان شېكىرى سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇ مېخانىزم پىرىنسىپى ئادەم بەدىنىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلسا، دىيابېت بىمارلىرىنى كۈندە ئىنسۇلىن ئۇرۇشتەك باش قېتىنچىلىقىدىن خالاس قىلىدۇ. گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، قەھۋە ئىچكەندە يۈرەك زەخمىلىنىشى ئەسلىگە كېلىپ، يۈرەك تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. يۈرەك ھۈجەيرىسى ئىچىدە P27 دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل بولۇپ، بۇ ئاقسىلنىڭ رولى ئەتراپتىكى ھۈجەيرە دەۋرىيلىك مۇساپىسى، ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى، بۆلۈنۈشى قاتارلىق جەريانغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىدىن بولغان يۈرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

ماتېرىيال سۈرەت

    گېرمانىيە ھېينرىخ ۋېبېر ھېينى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كىچىك چاشقان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كوفېئىن P27 ئاقسىلىنىڭ يۈرەك ھۈجەيرىسىنىڭ يىپسىمان تەنچىسىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، دەسلەپكى مەزگىللىك دىيابېت، سېمىزلىك ۋە ياش قاتارلىق ئامىللارنىڭ كىچىك چاشقاننىڭ يۈرىكىنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: قەھۋەنى مۇۋاپىق ئىچىپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەمما كوفېئىننى كۆپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، كۈندە تۆت ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى