تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنالى ئېلان قىلىندى

    شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 8 دىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 8 گىچە، شىنجاڭدىكى كۆپ جايلاردا ℃ 35 تىن يۇقىرى بولغان ھاۋارايى كۆرۈلگەن.

   مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزدە بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ غەربى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 40 تىن ئاشىدىكەن.

   7-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا ℃35 ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃ 37تىن ئاشىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن ئاشىدىكەن.

   شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. جۈملىدىن ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. يۇقىرى تىلغا ئېلىنغان بەزى جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر، ئۆتكۈنچى قاتتىق يامغۇر دېگەندەك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلىنىدىكەن، كۈچلۈك شامال چىقمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى