تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو كارخانىسى گېرمانىيەدە ئەڭ چوڭ لىتىي باتارېيە زاۋۇتى قۇرىدۇ

    خەلق تورى، بېرلىن، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كارخانىسى «نېڭدې» دەۋر شىركىتى بىلەن گېرمانىيە تۇرىنگئا ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، «نېڭدې» دەۋر شىركىتى بۇ ئىشتاتقا مەبلەغ سېلىپ لىتىي باتارېيە زاۋۇتى ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم «نېڭدې» دەۋر شىركىتىنىڭ تۇرىنگئا ئىشتاتىغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 240 مىليون ياۋرۇ بولۇپ، نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ لىتىي باتارېيە زاۋۇتىنى قۇرۇپ، 600 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

   گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ باش دېرىكتورى روبېرت ھېرمان مۇنداق دېدى: بۇ بۈگۈنگە قەدەر جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە سالغان مەبلەغ سوممىسى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى يېشىل يەر مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بىز «نېڭدې» دەۋر شىركىتىنىڭ  لىتىي باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتا گېرمانىيەنى مەبلەغ سالىدىغان جاي قىلىپ تاللىغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال. گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائەت چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر ئېلېكتروموبىلنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھازىر گېرمانىيە 29 خىل ئوخشىمىغان تىپتىكى ئېلېكتروموبىلغا ئىگە. «نېڭدې» دەۋر شىركىتىنىڭ گېرمانىيەنى تاللىشى، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ئېلېكتىروموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارغا يېقىنلىشىشلا بولۇپلا قالماستىن، يەنە گېرمانىيەدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك خىزمەتچىلەر بىلەن ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇل ئەسلىھەلەردىن بەھرىمەن بولۇشتۇر.

   «نېڭدې» دەۋر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش مۇدىرى زېڭ يۈچۈن مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مەبلەغ سېلىشتا گېرمانىيەنى تاللاش، «نېڭدې» دەۋر شىركىتى بىلەن ياۋروپادىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بىز يەرشارىدىكى ئەڭ ئىلغار ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باتارېيە تېخنىكىسىنى گېرمانىيەگە ئېلىپ كېرىمىز، ياۋروپادا شەكىللەنگەن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئېلېكتروموبىل باتارېيەسى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق، بىز ياۋروپادىكى خېرىدارلارغا يەنىمۇ يېقىنلىشىمىز، مەھسۇلات ھەل قىلىش لايىھەسىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەمىنلەپ، باش زاۋۇتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ماسلىشىمىز. 

   «نېڭدې» دەۋر شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىشى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىمزالىغان ئەڭ چوڭ چەتئەل مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى 2014-يىلى «نېڭدې» دەۋر شىركىتىگە ياردەم قىلىپ ميۇنخېندا ئىشخانا تەسىس قىلىپ بەرگەن، 2017-يىلى يەنە ياردەم قىلىپ بېرلىندا تەتقىقات ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ بەرگەن.

   گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ئېلېكتروموبىل مۇتەخەسسىسى خەن پېيدې مۇنداق دېدى: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەن «نېڭدې» دەۋر شىركىتى بىلەن شاڭخەيدە ئالاقە ئورناتقان. شۇ چاغدا گېرمانىيە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش باسقۇچىدا ئىكەن. بىز چوڭقۇر ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ گېرمانىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا مەبلەغ سالىدىغان ئورۇن تاللاپ،  ئاخىرىدا «نېڭدې» دەۋر شىركىتىنى گېرمانىيەگە مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلدى، ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز.

   روبېرت ھېرمان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش بولسا ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىقىدىكى بىر ئۇتۇقلۇق مىسال. ئەلۋەتتە، بۇنى گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۇرىنگئا ئىشتاتىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسى LEG نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

   گېرمانىيە فېدېراتسىيە تاشقى سودىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سودا ۋە ئىچكى مەبلەغ جەلپ قىلىش ئاپپاراتى. بۇ ئاپپارات گېرمانىيە بازىرىغا كىرگەن چەتئەل شىركەتلىرىگە مەسلىھەت بېرىپ ئۇلارنى قوللايدۇ ھەمدە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ چەت ئەل بازىرىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى