بىر ساياھەتچى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
تورىمىز خەۋىرى: گۈزەل ياز ئايلىرىدا، خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق يايلىقى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان غايەت زور ياپيېشىل پايانداز كەبى بىپايان زېمىنغا سۇزۇلۇپ، تەبىئەتكە ھۆسىن قوشتى. ھەر خىل شەكىلنى ئەسلىتىدىغان پارچە ـ پارچە مامۇقتەك ئاپئاق بۇلۇتلار ساياھەتچىلەرنى ئەگىپ كۆپكۆك ئاسماندا لەرزان ئۈزسە، ئاققۇ كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە تەبىئەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.