تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

پۈتۈن جەمئىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك جەڭگىۋار كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ـ دىن ـ تاشقى ئىشلار ـ مۇھاجىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلغازى بېكقۇرمان

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تونىغا ئورىنىۋالغان، لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ غالچىلىقىنى قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر كوممۇنىستلارغا خاس غايە – ئېتىقادنى يوقىتىپ، خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسىغا ئايلاندى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللاردۇر. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر كومپارتىيەنىڭ ئېشىنى يەپ تۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقماقتا، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سالىدىغان زىيىنى ناھايىتى زور، ئۇلارنى جەزمەن ۋاقتىدا بايقاپ، قەتئىي تازىلاش كېرەك.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكىم ۋە باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ‹‹شەمشەرنى قىنىدىن سۇغۇرۇش›› روھى، پىداكار ئەزىمەتلەرگە خاس ئىرادە، ‹‹سۆڭەكنى قىرىپ كېسەلنى داۋالاش››تەك جاسارەت بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قەتئىي مۈجمەللىك قىلماسلىق، قەتئىي قورقماسلىق، قەتئىي مۇرەسسە قىلماسلىق، قەتئىي چېكىنمەسلىككە يېتەكلەيمەن.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، غايە – ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي قانلىق جەڭ قىلىمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى 1 – ئۆلچەم قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە، تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادتا مۇستەھكەم زېرەك كىشى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي كىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك كىشى بولىمەن.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مىللەتلەر – دىن سىياسىتى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى، ئەسەبىيلىكنى توسۇشنىڭ ئۈلگىسى، ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشنىڭ ئۈلگىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. مەيلى سەھنىدە ياكى سەھنىدىن چۈشكەندە بولسۇن، مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن، مەيلى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتىمەن، يۈكسەك ھوشيار بولىمەن، بولۇپمۇ بەزى ئالاھىدە سورۇن ۋە نۇرغۇن ئامما قاتناشقان پائالىيەت سورۇنىدا خاتا گەپ  –  سۆزلەر بولۇنسا، ھەرگىزمۇ خاتا قاراش بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغانمايمەن، يەنە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي رەددىيە بېرىپ، ھەرگىز ‹‹ئارقا يول›› قالدۇرماي، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىمنى نامايان قىلىمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىم، پوزىتسىيەمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ئاممىغا ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئالدامچىلىقى، قايمۇقتۇرۇشى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇشقا يېتەكلەيمەن. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى داغدۇغىلىق، ئۇزاققىچە، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر – دىن سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك جەڭگىۋار كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە ئاتلىنىشىغا پائال تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. بارلىق كۈچۈم، چىن كۆڭلۈم، ھەقىقىي ھېسسىياتىم بىلەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقان، دوست بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق  ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيە – ھېسسىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەقىل –   پاراسىتىمنى ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى