شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى خانلىق مادرىد كۇلۇبى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ بەش قېتىملىق ساھىبى كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇس كۇلۇبى بىلەن رەسىمىي كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كىرىستىيانو رونالدو 2008-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن 80 مىليون پۇندستېرلىڭلىق باھا بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كوماندا يۆتكىلىش رېكورتىنى ياراتقان. خانلىق مادرىد كوماندىسىدا توپ تەپكەن 10 يىلدا كىرىستىيانو رونالدو 451 توپ كىرگۈزۈپ، كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىغا ئايلانغان ھەمدە كوماندىنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇشىغا زور كۈچ قوشقان.