تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 ـ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىن كۈچلۈك سىگنال بېرىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ھەقىقىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

   بىرىنچى، نەتىجىلەرنى كۆرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك زور ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
    
   ئىككىنچى، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمنىڭ چەكلىمىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تۈزۈمنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق بايلىقنى جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

   ئۈچىنچى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ۋاقتىدا كېڭەيتىش كېرەك. مەلۇم تارماق ۋە ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش ئۈنۈمى دەلىللەنگەن تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ تاۋلاپ چىقىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، دائىرە بويىچە كېڭەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   تۆتىنچى، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەشنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

   بەشىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، 1 – قول رەھبەر بىۋاسىتە تۇتۇپ، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تارماقلار ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە بېكىتىش، ئادەمگىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتچىلارنى ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

   ئالتىنچى، تىپ تۇرغۇزۇپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىسلاھاتتىكى بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى بايقاپ ۋە تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش  –  ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسلاھات روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

   يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.