تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ھەمراھلىق تورىنى قۇرايلى

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو _ ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئاكتىپ باھا بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

   جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ‹‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بۇنىڭغا قىزغىن ئىنكاس بىلدۈردى، ئۇلار مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش گۈزەل خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى.

   جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە يېتەكلەش

   مىسىر ئېھرام سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد فاراخارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ، ئەرەب دۇنياسىغا زور ئىلھام بولدى ھەم جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويغانلىقىنى نامايان قىلدى.

   ئىراق داشۆسى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى، سىياسىي تەھلىلچى ئابدۇلئەزىز مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە بولغان سىياسىتىنى شەرھلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىق يول خەرىتىسىنى سۈرەتلەپ بەردى، بۇ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   ‹‹مەدەنىيلىككە ئەگىشىش  جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئەرەبلەرنىڭ كەلگۈسى›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئىيوردانىيە ئاممان شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سامىر ئەخمەد مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. ‹‹رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنىڭ مەزمۇنى، يولى ۋە مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى››. سامىر ئەخمەدنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان پەن – تېخنىكا قاتلىمى ھەمكارلىقى تەكلىپىگە بولغان تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ مۇنداق قارىدى: بۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئاكتىپ تەسىردىن بەھرىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ‹‹ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى چوقۇم مول ھوسۇل بەرگۈسى››.

   لىۋىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى خالىد مونتاسىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تىلغا ئالدى، ئۇنىڭ سۆزى كونكرېت مەزمۇنغا، سەمىمىيلىككە تولغان بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ‹‹جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى چوڭقۇر تارىخىي دوستلۇققا ئىگە، بىز بۇ خىل دوستلۇقنىڭ قۇدرىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر پۇرسەت ئالدىمىزدا، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىشتۇر››.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش

   ئالجىرىيەلىك ئىقتىسادشۇناس مۇھەممەد خاشماۋى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى يولغا قويۇش تەشەببۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە ئىنچىكىلەشتۈردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە نۇرغۇن يېڭى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پورت ۋە تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغانلىقى، ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو – ئالجىرىيە ھەمكارلىق تۈرىدە نامايان بولغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان بۇ تەدبىرلەر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك دىققىتىنى قوزغاپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرگۈسى.

   فەرھات مۇنداق قارىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن كوللېكتىپ قاتلىمىغا يۈكسەلدۈرىدۇ، ئەرەب دۇنياسى جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇ بولۇپمۇ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹باشلامچى›› كۆزقاراشنى چىڭ تۇتۇشنى قۇۋۋەتلىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەرەب دۇنياسى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپانى باغلايدىغان، ھىندى ئوكيان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى يول تورى، پورت ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق قۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

   ئالجىرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى سالىم خامادى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىنتايىن ئەمەلىي بولۇپ، كىشىنى ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ››. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر تۈركۈم ئەمەلىي تۈر جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلىدىغان ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

   پەلەستىن ئىقتىسادشۇناسى، پىلان مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى سامىر ئابدۇللا مۇنداق قارىدى: جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيدى، بولۇپمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلگەندە، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى تېخىمۇ زىچ، ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد – سودا، بىخەتەرلىك ۋە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ.

   ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش

   قاھىرە ئامېرىكا داشۆسى سىياسەت ئىلمى پىروفېسسورى تالىخ فەھىمى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئەرەب ۋە ئوتتۇرا شەرق دۇنياسىغا قارىتىلغان سىياسىتىنى قايتا ئېنىق جاكارلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ئىككى دۆلەت لايىھەسى›› ۋە ‹‹ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى››نى قوللاشنى ئاساس قىلغان ھالدا پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقى ھەم پەلەستىن خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكى ‹‹كىشىنى خۇشال قىلىدۇ››. ئۇ مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىشەنچلىك دوستى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئەرەب رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى، بۇ، دۇنيا مىقياسىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.  

   سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇ خادىمى، خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئەرەب دۇنياسى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئۇلۇغ قىياس ۋە ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەرىكەت لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولساڭلار، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەتەر سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ›› دېگەن سۆزىنى ناھايىتى ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: ھازىر تاشقى كۈچلەرنىڭ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەرەب دۇنياسىنىڭ جىددىي ئىتتىپاقلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

   ماراكەش OCP سىياسەت مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى راشىت ئۇدەي مۇنداق قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگوغا ئېھتىياجلىق، چۈنكى جۇڭگو يېڭى ئىقتىساد ئەندىزىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىيات شەكلىدىكى زامانىۋىلىشىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا ئاكتىپ رول ئوينىدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينىدى.

   ئامان قابۇس داشۆسىنىڭ تارىخ پىروفېسسورى مۇھەممەد مۇقەددەم مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەققانىيەتتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقىگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولدى، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ھەممىسى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە: ھەر بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى پەرقى ۋە ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ سەمىمىي ۋە مەسئۇل بولىدىغان چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى تولۇق ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

(قاتناشقۇچى مۇخبىرلار: جېڭ كەيلۈن، چېڭ شۈەيپېڭ، لىن شياۋۋېي، خۇاڭ لىڭ، جاۋ يۆ، ياڭ يۈەنيۈەن، لى يۈەن، ۋاڭ بو، چېن بىنجيې، ياڭ يۈەنيۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.