تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن

  باي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخەت ئىسمايىل

  مەن توقسۇ ناھىيەسىدە ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ھازىر بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىسەم، خاتىرەمگە ئەڭ چوڭقۇر ئورناپ كەتكىنى بىر نەچچە دوستلىرىم ئىدى، ئۇلار ئىچكىرى جايلاردىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن زىيالىي ياشلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، بىز بىر ھويلىدا تۇراتتۇق، بىر نەچچىمىز ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ، ئۇلار بىلەن تاكى ھازىرغىچە قويۇق ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭچە، كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ، قېرىنداشلىق مېھرى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن دوستلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا مىسلىسىز بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، زور تەرەققىياتتىن ئىبارەت گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، بۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك، ئەخمىقانە خام خىيال بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ.

  شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن – ئاخىر خىزمەتلىرىمىز ۋە ئىگىلىك تىكلىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە چىرىتىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى تىكلەشكە، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق – ئېجىل ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ شەكىلدە باردى – كەلدى قىلىشى، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ھېسسىياتنى كۈچەيتىشى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە بىللە بولۇش، ئارىلىشىپ بىللە ئۆتۈشكە يېتەكلەپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىمەن، خاتا ئىدىيەنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى، ئائىلىنى سۆيۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇلۇغ پارتىيە، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدىساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى