تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ، تىيانشان باغرىدا سوزۇلۇپ ياتقان «ئەجدىھا»- مايتاغ-كۇچا تاشيولى

    مۇخبىرىمىز سۈي داۋشىڭ خەۋىرى، فوتوسى: مۇخبىر 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 2018-يىللىق «دالا سەپىرى. مايتاغ-كۇچا ئارىسىدا شۇنداق بىر يول بار» مىليون كىشى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يول بويى ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرگە ھەيۋەتلىك تاغلار باغرىدىكى تاشيول مۆجىزىسىدىن تەڭ ھۇزۇرلاندى.

    يۈز كىشىلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 11لەر ئەتراپىدا مايتاغ رايونى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ نۆل كىلومېتىرلىق نۇقتىسىدىن يولغا چىقىپ، نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا تاغ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. ئاپتوموبىللار ئەگرى-بۈگرى تاغ يوللىرىنى بويلاپ ئايلىنىپ مېڭىپ، بىردەم سۈرەتنى ئاستىلىتىپ دۆڭگە ياماشسا، بىردەم يۇقىرى سۈرەت بىلەن تۆۋەنگە چۈشەتتى. تاشيولنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى تېمپېراتۇرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيتتى. يولغا چىققان جايدىكى℃30تىن يۇقىرى تېپېراتۇرا، دېڭىز يۈزىدىن 3400 مېتىر ئېگىزلىكتىكى داۋانغا كەلگەندە ℃10 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالاتتى. ساياھەتچىلەر چاپانلىرىنى كىيىشىپ ئىسسىماقچى بولاتتى.

    مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا مېڭىپ قالسىڭىز، يول بويى بۇ تاشيولنى ياسىغۇچىلارنىڭ «تاغقا يولۇقسا يول ئېچىش، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سېلىش»تەك بۇ نادىر «ئەسىرى»گە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز. مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىردىن يۇقىرى بولغان ئېگىز تاغ ئارىسىغا ياسالغان بولۇپ، خۇددى تىيانشان باغرىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ. بۇ تاشيول جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق يولنى 561 كىلومېتىرغا قىسقارتقان بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «تاشيول ياساش تارىخىدىكى ئۆلمەس ئەسەر» دەپ تەرىپلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى