تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستى پۈتۈن رايون ساياھىتى ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جېڭ لىيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۈەنزىگەي بازىرى يۇقىرى جيۇخۇ كەنتى تىيانشان ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەندە قاڭقىل قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. يۇقىرى جيۇخۇ كەنتى ‹‹ساياھەت+يېزا ئىگىلىكى›› يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇردى، سەھرا ئارامگاھىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈردى، مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىپ، يېشىل تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەشەببۇس قىلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتچىلىك ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەتچىلىك ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى رايون ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رايونلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىكنى تۈزەشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹ساياھەت+›› كۆپ كەسىپنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇرۇدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن رايوننىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپكە، ساياھەتكە باب كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى: ساياھەت تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات پىلانىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈزۈپ چىقتى؛ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ۋە ئېتىبار سىياسىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى؛ ‹‹7+1›› ساياھەتچىلەر جەمئىيىتى رامكىسىنى ئورنىتىپ، مەنزىرە رايونى، ئىستىراھەت رايونى، مال سېتىۋېلىش رايونى، ساياھەت كىچىك بازىرى، دالا لاگېرى، يېشىل يول قاتارلىق كۆپ فۇنكسىيە بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ ساياھەت نىشان مەنزىلىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇپ چىقتى؛ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ قاتناش، يېمەك – ئىچمەك، ياتاق، مال سېتىۋېلىش، يىغىلىش – تارقىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق سىستېمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى كارىدورى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش – قۇتقۇزۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئاساسىي غول لىنىيە تاشيولىنى مەنزىرە رايونىدىكى يولغا تۇتاشتۇرۇپ، ھەممىسىنى ئاسفالتلاشتۇردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ، ‹‹تىيانشان 1000 چاقىرىملىق ئالتۇن لىنىيەنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش››، ‹‹تىيانشان 100 چاقىرىملىق دەنشيا›› ئايلانما لىنىيەسى، ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە – قاراماي شەھەر چەمبىرىكى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ چوڭ رايون بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپكە، ساياھەتكە باب كېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹ساياھەت + قاتناش››، ‹‹ساياھەت + مەدەنىيەت››، ‹‹ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى››، ‹‹ساياھەت + سانائەت››نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۆت يۈرۈشلۈك ھۆججىتىنى تۈزۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈردى، 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ساياھەتچىلىكتە ‹‹بىر كەسىپ ئارقىلىق 100 كەسىپنى گۈللەندۈرۈش››كە تۈرتكە بولۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  سانجى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ‹‹شياۋچۇ›› يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىرسىڭىز، بۇ يەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش سېخى، شۇنداقلا يېمەكلىك دورا – دەرمەكلىرىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشىنى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق بىلىملەرنى نامايان قىلىدىغان كۆرگەزمىخانا ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ساياھەتچى ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: ‹‹ساياھەت + سانائەت››مۇ كارخانىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى يەنە ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ساياھەت بايلىقىغا پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش، ساياھەت تىجارىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتتى. 2017 – يىلى پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغانلار 46 مىڭغا يېتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەردە 230 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بىر تۈركۈم نامرات ئامما ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى