تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار قارا كۆزئەينەك تاقىسا بولمايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ياز پەسلى كىرىشى بىلەن تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلايدۇ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كۆزئەينەك تاقاپ قويىدۇ، ئەمما بەزى بالىلار كۆزئەينەكنى نەچچە كۈن تاقىغاندىن كېيىنلا كۆزىنىڭ بىئارام بولۇپ، ئىششىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا خوۋخۇيۈەن رايونى كۆز بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دىڭ يى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بالىلار كۆزئەينەكلىرى ئۇلترا بىنەپشە نۇرىدىن ساقلىيالىشى كېرەك، سىرتقى شەكلىگىلا ئەھمىيەت بېرىشكە بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    دىڭ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا كۆز قارىچۇقىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۆپ مىقداردا چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كۆزئەينەك تاقىغاندىن كېيىن، تاشقى دۇنيادىكى نۇر سىزىقى قاراڭغۇلىشىپ، كۆز قارىچۇقى چوڭىيىدۇ. ئەگەر كۆزئەينەكنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بولمىسا، كۆز زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىچە فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا نورمال نۇر سىزىقىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى سېرىق داغ رايونىدا ئۈنۈملۈك غىدىقلاش شەكىللەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بولمىسا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بالىلار كۆزئەينىكىنىڭ نۇر ئۆتۈش نىسبىتى %30 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. دىڭ يى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار كۆزئەينەك تاقىسا بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى