تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يۈز كىشلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا تىيانشاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشقا ئاتلاندى

يولغا چىقىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.

    مۇخبىرىمىز سۈي داۋشىڭ خەۋىرى، فوتوسى: 2018-يىللىق «دالا سەپىرى. مايتاغ-كۇچا ئارىسىدا شۇنداق بىر يول بار» مىليون كىشى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ئۆتۈش پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدا باشلاندى، يۈز كىشلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا تۆت كۈنلۈك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ، تىيانشاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

    بۇ پائالىيەتكە 10 ئۆي ئاپتوموبىلى، 26 دالا ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن يۈز كىشلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدىن يولغا چىقىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى بويلاپ، تۆت كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە كېلىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپە 561 كىلومېتىر بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ساياھەتچىلەر سەپەر جەريانىدا قارلىق تاغ، جىلغا، سۇلۇق يەر، يايلاق، كۆل، دەريا ئېقىنلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدىكەن.

    جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ مېي ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى كېلىشىم، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغانىدىم، شۇنداقتىمۇ بىر كېلىپ كۆرۈپ كېتىشكە پۇرسەت بولمىغانىدى، بۇ قېتىم ئوغلۇمنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ، <بىر كۈندىكى تۆت پەسىل>، <ئون چاقىرىم ئارىلىقتىكى ئوخشاش بولمىغان ئاسمان>نى كۆرۈپ كېتىش ئىستىكىدە بۇ يەرگە كەلدۇق، ساياھىتىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يۈز كىشلىك ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ يول باشلىغۇچىسى سەي شۈنفېڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مايتاغ-كۇچا تاشيولى ھەر يىلى پەقەت بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېچىۋېتىلسىمۇ، 2014-يىلىدىن باشلاپ، بۇ يەرگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە مىليوندىن ئاشتى. بىز بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ گىياھ ئۈنمەس قاقاس ھالىتىدىن ھازىرقى كەڭ كەتكەن يېشىللىقلىرىغىچە، دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ياۋا گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرىدىن سوغۇق شامىلى ئۇستىخاندىن ئۆتىدىغان ئېگىز تاغدىكى ئاپئاق قارلارنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرۇپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى سىرتقا يەنىمۇ تەشۋىق قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمىز.

    قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ خۇا مۇنداق دېدى: مايتاغ رايونى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بۇنىڭ بىلەن شەھىرىمىز بۇ يىل <دالا سەپىرىدىكى زامانىۋى شەھەر> شوئارىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول ئارقىلىق شەھىرىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئادەتتىن تاشقىرى جەلپكار تاشيول بولۇپ، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىن ئۆتىدۇ، بۇ بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر <مايتاغ-كۇچا تاشيولى>نىڭ يوشۇرۇن سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ جۇڭگودىكى <ساياھەتچىلەر ئۆزى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل تاشيول> ماركىسىنى تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى