تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ ‹‹ساياھەت+›› تۈرى بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يىراقتىكى يۇرتنى گۈزەل مەنزىرىگە ۋە شېئىرىي تۈسكە ئىگە قىلدى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى فۇكاڭ شەھىرىنىڭ چېڭگۈەن بازىرى سەنپو مەركىزىي كەنتىدە ساياھەت قىلماقتا.

مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى، 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. (مۇخبىر جوۋ خۇا)، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل، مەدەنىيەت بايلىقى مول، ئىلگىرى ساياھەتچىلەر ‹‹گۈزەل مەنزىرە خەتەرلىك چوققىلاردىدۇر›› دەپ مەنزىرە كۆرۈش ئۈچۈن تاغ – داۋان ئاتلاشقا مەجبۇر بولسا، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش ئۈچۈن يەنە ‹‹باشقىدىن مۇساپىگە ئاتلىناتتى››.

  بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ‹‹ساياھەت+›› تۈرىدە تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ‹‹قول تۇتۇشۇپ›› ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ‹‹سەپەر ۋاقتى ساياھەت ۋاقتىدىن ئۇزاق بولۇش، ساياھەت نۇقتىلىرى تارقاق بولۇش›› ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، يىراقتىكى يۇرتنى گۈزەل مەنزىرىگە ۋە شېئىرىي تۈسكە ئىگە قىلدى.

  ئالتاينىڭ ئەزەلدىن ‹‹مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى›› دېگەن نامى بار. 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئالتاي تېغى بويلىرىدا مۇزلۇق، دەريا – ئېقىن، ئورمان، ئوتلاق، كۆل، سۇلۇق يەر، گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرە، قۇملۇق ۋە چۆللۈك قاتارلىق يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىدىن 200دىن كۆپرەكى جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 24ى، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىدىن بىرى بار. ھالبۇكى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ نىسبەتەن تارقاق، مەھسۇلاتىنىڭ بىر خىل، ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئاجىز بولۇشى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان.

  يېقىندا ساياھەتچى سى شياۋچى ئالتە ساياھەتچى بىلەن بىللە ‹‹چوڭ قوڭۇر ئېيىق 100›› بەلگىلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئالتاينىڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملىدى. ‹‹بوشلۇق كارىدورى››نىڭ ئېچىلىشى ئىككى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئارىلىقىدىكى تاق مۇساپىلىك قاتناش ۋاقتىنىڭ ئەسلىدىكى ئالتە سائەتتىن بىر سائەتكە قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت كەسپى 40 كىلومېتىرلىق چەكلىمىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇچۇش دائىرىسى 300 كىلومېتىرغا كېڭىيىپ، ساياھەتچىلەر ھاۋا بوشلۇقىدىن تاغ – دەريا ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولدى.

  جىلىن بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئون قېتىم مەخسۇس ساياھەت پويىزى ماڭدۇرۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭ ساياھەتچىنى توشۇشنى پىلانلىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە ھۆددە ئايروپىلانى، مەخسۇس پويىزى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 40قا ۋە 450كە يەتكۈزۈلۈپ، ساياھەت قىلىش ئارىلىقى ‹‹قىسقارتىلىدىكەن››، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ راھەت تۇيغۇ ئاتا قىلىدىكەن.

  قاناس شىنجاڭنىڭ ‹‹چولپان›› مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئۇنى باشلامچى قىلىپ ياسالغان شەرق، ئوتتۇرا، غەربتىن ئىبارەت ئېسىل ئۈچ ئايلانما لىنىيە شىنجاڭنىڭ تولۇق ساھە ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شەرقىي لىنىيە شەرقىي جۇڭغاردىن باشلىنىپ قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن ئۆتۈپ، ئالتاي تېغى مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىغا تۇتىشىدۇ؛ ئوتتۇرا لىنىيە ۋۇجياچۈدىن باشلىنىپ قۇملۇق تاشيولىنى بويلاپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى مەنزىرە بەلبېغىدىن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ؛ غەربىي لىنىيە تىيانشان شىمالىي ئېتىكى قاراماي – قۇبۇقسارنى بويلاپ، ئالتاي تېغى مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىغا تۇتىشىدۇ. ئۈچ ئايلانما لىنىيە ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، ئاۋىياتسىيە ئۇلاپ ئۇچۇش شەكلى ئارقىلىق مىڭ چاقىرىملىق يەككە مەنزىرە رايونى – مەنزىرە نۇقتىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ساياھەتچىلەر سەپەر قىلغاچ ساياھەت قىلىپ، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلالايدۇ.

  شىنجاڭ بىرتۇتاش لىنىيەلىك مەنزىرە ساياھىتىنى پىلانلىغاندىن سىرت، يەنە ئادىمىيەت تەنتەربىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتنى پەرقلىق راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت – ئىستىراھەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتتى. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاق قېيىنزارلىق بايلىقىغا تايىنىپ، ‹‹ئاق قېيىن يېشىللىق شەھەرچىسى››نى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى؛ جېمىنەي ناھىيەسى شېنشىچېڭ، تۇڭتيەن ئۆڭكۈرى ئارخېئولوگىيە خارابىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادىمىيەت تارىخى خەزىنىسىنى ئاچتى؛ قەشقەر كوناشەھىرى 100 يىللىق تۇرالغۇدىكى كۇلالچىلىق، نان يېقىش، چاي ئىچىشتىن پايدىلىنىپ، چۈشىنىش ساياھىتى بەرپا قىلدى؛ ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات يايلىقى، شۇنداقلا قازاقلارنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتىنى چۆرىدەپ، ئوتلاق چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى...

  ھازىر شىنجاڭ يەنە بۇرچىن، بۇرۇلتوقاي قاتارلىق جايلاردا ئاممىباب ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جايلارنىڭ ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى لاگېرى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىدۇ ھەم كۆپ جايلاردا خاس تۇرالغۇلار توپىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى