تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

شالنىڭ قەنت تەركىبى ھاشاراتلار قانىتىنىڭ ئۇزۇن–قىسقا بولۇشىنى بەلگىلەيدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت: شال

    جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، شالدىكى قەنت تەركىبىنىڭ مىقدارى قوڭۇر ئۇچار پىت قانىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىنى بەلگىلەيدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسىنى يېڭىچە ئوي-پىكىر بىلەن تەمىنلىشىدىن ئۈمىد بار.

  ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شالدىكى قەنت تەركىبى بىلەن ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى ئاسىيا رايونىدىكى ئاساسلىق شال قۇرتى قانىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلىگەن.

ماتېرىيال سۈرەت: شال

  ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئىشتاتى سىياتىل داشۆسى بىلەن جۇڭگو ئۆلچەم داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دېدى: شال ئۆسۈش جەريانىدا قەنت تەركىبى بىلەن ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، مايسا مەزگىلىدە گىلۇكوزا سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، قوڭۇر ئۇچار پىت يىراق مۇساپىلىك كۆچمىسىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىسقا قانات چىقىدۇ، چىشى قوڭۇر ئۇچار پىتلىرىدا نىسبەتەن ئۇزۇنراق تۇخۇمدان پەيدا بولىدۇ.

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۆسۈملۈكلەر قېرىغاندىن كېيىن، گىلۇكوزا سەۋىيەسى ئاشىدىكەن، بۇ قوڭۇر ئۇچار پىتقا ئۇزۇن قانات، چىشى قوڭۇر ئۇچار پىتقا نىسبەتەن كىچىك تۇخۇمدان پەيدا قىلىدىكەن، ئۇلار بۇ ئارقىلىق يېڭى يېمەكلىك مەنبەسى ئىزدەش ئۈچۈن كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت: قوڭۇر ئۇچار پىت

  ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون ئىشتاتلىق داشۆسى ھاشاراتشۇناسلىق ئىلمىي پىروفېسسورى لورا لوۋېن مۇنداق دېدى: بۇ بىر قېتىملىق تاللاش، ئەگەر خاتا تاللاپ قالسا قوڭۇر ئۇچار پىت ئاۋارىچىلىككە قالىدۇ، ئۇ كۆچۈشكە توغرا كەلگەندە قىسقا قانات چىقىپ قىلىپ ئاچ قېلىپ ئۆلۈشتەك خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ، قىسقا قانات ئۆسۈپ ھايات كەچۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولغاندا ئۇزۇن قانات چىقىپ قالسا ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە قولايسىز بولۇپ قالىدۇ.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئالىملار زىيانداش ھاشاراتلارغا خاتا بەدەن شەكلى چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ھاشارات بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۆلتۈرۈۋېتەلىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت: شال

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى