تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز سىرتقا 24 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزدى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى كۆلىمى 24 مىليارد 444 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.21 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليارد 115 مىليون كىلوۋات سائەت يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك سىرتقا يەتكۈزۈلۈپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ تۆت ئۈلۈشىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.67 ئېشىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى 6 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى. شىنجاڭ 12 ئۆلكە، شەھەر بىلەن ‹‹ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش›› بويىچە توكنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا توك يەتكۈزۈش كۆلىمىنى 5 مىليارد 234 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئۆستۈردى، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %21 كە يەتكۈزۈپ، ئىگىلىگەن نىسبىتىنى بۇلتۇرقىدىن 6 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈردى.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ‹‹شىنجاڭ ئىچىگە تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش، يېڭى ئېنېرگىيەنى ھەزىم قىلىش – قوبۇل قىلىش››تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنى ھەزىم قىلىش – قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدە قوش ئېشىشنىڭ كۆرۈلۈشىگە 2018 – يىلىدىكى ‹‹ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش›› خىزمىتىنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈشى تۈرتكە بولغان بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىمزالىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سودىسىنى ‹‹ئالدىن تەشكىللەش››، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توكىنى ‹‹ئالدىن يەتكۈزۈش›› ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈشكە ‹‹ئالدىن كاپالەتلىك قىلىنىپ››، ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىلغان. ھازىر ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ۋە كۆلىمىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى