تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

   مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە، سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك نىزام – بەلگىلىمىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى، ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەشكىلات خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مۇتەللىپ قاسىم، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى