شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:
بىرىنچى، ۋېي ۋېنخۇا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كامېرون جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
ۋاڭ يىڭۋۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كامېرون جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
ئىككىنچى، سۈن باۋخۇڭ (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گانا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
ۋاڭ شىتىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گانا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.