تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاچقان دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرىچىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلارغا پائال ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك چياۋمىنلار خىزمىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كۈچ قوشۇش كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە باغلىغان ساھە ئايرىمىسى بويىچە ئاممىغا قارىتىلغان تەشۋىقات، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن، تىرىشىپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ ۋە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى يۆنىلىشنى ئىگىلەيدىغان، ئومۇمىيەتنى باشقۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشتىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن – ئاخىر ‹‹مەن تەشكىلنىڭ ئادىمى›› دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئېڭى ۋە تەشكىلات قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە تەشكىلات سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۆزلەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ تەدبىر بەلگىلەش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشلار خىزمىتىنى ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرى، باش نىشاننى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى