تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بېنزىن، دېزىل مېيى باھاسى بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ زور ئۆسۈشنى كۈتۈۋالدى

سۈرەتتە: چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ شاپىڭبا رايونىدىكى بىر ماي پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىماقتا. (مۇخبىر ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى:ئۇدا ئىككى قېتىملىق چۈشۈشتىن كېيىن، مەملىكەت ئىچى بېنزىن ۋە دېزىل مېيى باھاسى بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ زور ئۆسۈشنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەييار ماي باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 24 دىن باشلاپ، مەملىكەت ئىچى بېنزىن، دېزىل مېيى باھاسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 270 يۈەن ۋە 260 يۈەن ئۆسكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى باھانى تەڭشەشنى سۇندۇرغاندا بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ باھاسى ھەر لېتىرىغا 2 مو ئۆسكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى