شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا ئۈرۈمچىدە 24 سائەت كېسەل كۆرىدىغان بالىلار بۆلۈمىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى، يەنى ئالتاي يولىغا قۇرۇلۇۋاتقان بالىلار دوختۇرخانىسى (ئەسلىدىكى قاتناش دوختۇرخانىسى) دا بالىلار بۆلۈمى كېچىلىك دىئاگنوز قويۇش مۇلازىمىتى تەسىس قىلىنىپ، ئەتراپتىكى جىددىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ دەرھال داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىلدى.
بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گوخۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دوختۇرخانىمىزنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە كۈندە كېچىدە 70-80 بالىغا دىئاگنوز قويۇلۇۋاتىدۇ، يۇقىرى پەللە مەزگىللىرىدە بۇ سان 100 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، جايلاردىكى مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانا يۆتكەلگەن بالىلاردىن باشقا، ئۈرۈمچىدە ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ كېچىدە دىئاگنوز قويۇلۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو شىنخۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ بالىلار بۆلۈمىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بويىچە «13-بەش يىللىق» پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالىلار بۆلۈمىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر 9-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شىمالىي دوختۇرخانىسى ئاساسىدا شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇپ، بالىلار ئىچكى بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مەخسۇس كېسەل ئامبولاتورىيەسى قاتارلىق كېسەل كۆرۈش ئۆيلىرى تەسىس قىلىندى. شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى يەنىلا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتىدۇ، ھازىر قىسمەن كېسەلخانا رايونلىرى ئېچىۋېتىلدى. 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى دوختۇرخانىمىزغا ماكانلىشىپ كۈندە كېسەل كۆرۈشكە باشلىدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ بۇ دوختۇرخانىدا كېچىدە كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى تەسىس قىلىنىپ، 24 سائەت كېسەل كۆرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بالىلار بۆلۈمى ۋراچلىرى قىس بولۇش بىلەن بالىلار بۆلۈمىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ بالىلار بۆلۈمى ۋراچلىق ئىش ئورنىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش»، «ئاكادېمىك+» غەربىي رايون بالىلار بۆلۈمى ۋراچلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، بالىلار بۆلۈمى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇۋېتىپتۇ.