تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ۋە ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

  شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ۋە ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ۋە ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەھلىل قىلىپ ھەم مۇزاكىرە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھۆكۈمەت سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىلىق ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ياخشى ئاساس سالدى.

   شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى دىققىتىنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇقىملىق خىزمىتىنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىشى كېرەك. ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن كۈچى بىلەن ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئەمەلىي خىزمەتتە نامايان قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىزلىقلارنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلمايدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى