تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە تۇنجى «ئاۋاز مۇزېيى» ئېچىلدى

   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدا بىر «ئاۋاز مۇزېيى» پەيدا بولدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئەتراپىدىكى شىنجاڭغا ئائىت ھېكايىلەرنى ئۈنگە ئالسا بولىدۇ، كېيىنچە، بۇ ھېكايىلەر، پۇرسەت بولسا شىمالايا FM غا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاڭلىتىلىدۇ.

   مۇخبىر 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋەندا مەيدانى 1-نومۇرلۇق ئىشىك زالىدا  «ئاۋاز مۇزېيى»نىڭ ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقانلىقىنى كۆردى. ئون نەچچە شەھەر ئاھالىسى قارىماققا خۇددى تېلېفون بوتكىسىغا ئوخشايدىغان ئىشىك ئالدىدا ئۆچىرەت تۇرۇپ، بېشىغا تىڭشىغۇچ تاقاپ، قولىدىكى مىكروفوندا ھېكايە سۆزلەشكە باشلىدى. «ئاۋاز مۇزېيى»نىڭ يەنە بىر مەزمۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ يىغقان شىنجاڭغا ئائىت ئاۋازلار شۇنداقلا شىنجاڭدىكى يەرلىك رىياسەتچىلىك كوللېكتىپلىرى ئۈنگە ئالغان ئاۋازلار بولۇپ، 15 يانفوندا نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىندى.

    بەينىياۋخۇ رايونى شىيۈەن مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ شۈەنشۈەن سەككىز يىل بۇرۇن گەنسۇدىن شىنجاڭغا كەلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشقان. ھازىر ئۇ ئىككى بالىسى بىلەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تۇرمۇشى رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ قەلبى ئىللىقلىققا تولغان، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھېكايىلىرىنى «ئاۋاز مۇزېيى» دا ئۈنگە ئالدۇرۇپ ساقلاپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   «ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا سەيلە قىلغاچ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسىڭىز، ئۇنىڭ كىشىگە بەرگەن ئىللىقلىقىنى، ئۈمىدىنى ھېس قىلالايسىز»... « مېنىڭ شىنجاڭدا قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بار، بىز ئىناق ياشايمىز، مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن»... «ئاۋاز مۇزېي» دا يۈزدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى قالدۇردى.

  كاۋاپ پىشىۋاتقان چاغدىكى ئاۋاز، ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋازى، BRT ئاپتوموبىلىنىڭ بېكەتكە كىرگەندىكى ئاۋازى... نەق مەيداندىكى 15 يان تېلېفوندىن چىققان «شىنجاڭ ئاۋازى» سىزگە يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى