تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن 12نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

   يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 15- تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلو مىسالىدىن 12نى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە- ئىغۋا، يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدارلارنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

   1 ـ دېلو مىسالى : ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ما xنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش دېلوسى

   2018 ـ يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، تورداشلار ماx(ئەر، خەنزۇ، 19 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى باشقىلارغا ساتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ماx كە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   2-دېلو مىسالى : ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى سxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، تورداشلار سx (ئەر، قازاق، 26 ياش،  ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن )نىڭ «QQ بوشلۇقى»دا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان.  تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە سxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   3-دېلو مىسالى : ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ي xنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، تورداشلار يx(ئايال، ئۇيغۇر، 37 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن)نىڭ يانفونىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە يxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   4-دېلو مىسالى : قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى خxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ساقلاش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، تورداشلار خx(ئايال، ئۇيغۇر 43 ياش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدىن)نىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىسىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىن ھۆججىتىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

    5-دېلو مىسالى : خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئاxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ساقلاش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئايال، ئۇيغۇر، 23 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن)نىڭ يانفونىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىن ھۆججىتىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

    6-دېلو مىسالى : ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ساقلاش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، تورداشلار جx(ئەر، ئۇيغۇر، 42 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   7-دېلو مىسالى : تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م xنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

   2018-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، تورداشلار مx(ئەر، ئۇيغۇر، 44 ياش، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن)نىڭ كومپىيۇتېرىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   8- دېلو مىسالى : خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى مxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، تورداشلار مx(ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن)نىڭ «QQ بوشلۇقى»دا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان.  تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   9-دېلو مىسالى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ليۇxنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، تورداشلار ليۇx (ئايال، خەنزۇ، 44 ياش، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن)نىڭ «ئۈرۈمچىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى» دېگەن پىتنە-ئېغۋانى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ليۇxكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   10-دېلو مىسالى: قومۇل شەھىرىدىكى تور ئەھلى جاڭxنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، تورداشلار جاڭx (ئەر، خەنزۇ، 23 ياش، قومۇل شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «بۈگۈن شىنجاڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى، تورمۇ ياخشى ئەمەس»، «ھازىر شىنجاڭدىن چىققىلى بولمايدۇ» دېگەندەك پىتنە-ئېغۋالارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جاڭxكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   11-دېلو مىسالى: تۇرپان شەھىرىدىكى تور ئەھلى ۋاڭxنىڭ يالغان گۇۋاھنامە ئېلىپ سېتىش دېلوسى

   2018-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، تورداشلار ۋاڭx (ئەر، خەنزۇ، 34 ياش، نوپۇس تەۋەلىكى: شەنشى ئۆلكىسى خۇشيەن ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ QQ توپىغا ساختا گۇۋاھنامە ياساش، ئۆزگەرتىش، ئېلىپ سېتىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى ھەمدە بۇ ئارقىلىق قانۇنسىز كىرىم قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋاڭxكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   12-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ۋۇxنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

2018-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار ۋۇx (ئەر، خەنزۇ، 32 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش سىياسىتىگە چېتىلىدىغان  پىتنە-ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋۇxكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال- ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن، ياسىغانلار، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئەگەر شەخس يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن توردىكى قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ. پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报@)

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى : شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى