شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18:00دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار سەھەر گېزىتىنىڭ «ئىمتىھان گۆھىرى» (cbkaoshibao) ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى، ئاسىيا كىندىكى تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2018-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى (قىسقارتىلىپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى دېيىلىدۇ) نەتىجىسى ۋە دەرىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى مائارىپ تورى، ئاسىيا كىندىكى تورى، سەھەر گېزىتى «ئىمتىھان گۆھىرى» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
تەرتىپ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى ئىمتىھان نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، ئەسلىدىكى تىزىملاتقان مەكتىپىگە ئىلتىماس قىلىدۇ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسى بىر تۇتاش تىزىملىغاندىن كېيىن ئىمتىھان مەركىزىگە قايتا تەكشۈرتۈش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ قايتا تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18:00 دە ئاخىرلىشىدۇ. قايتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 18:00 دە ئالاقىدار مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇلىدۇ.