تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

مەملىكەتلىك U23 ياشلىقلار چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە شىنجاڭلىق ماھىرلار بەش ئالتۇن مېدال، ئىككى مىس مېدال ئالدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلانغان 2018-يىللىق مەملىكەتلىك U23 ياشلىقلار چېلىشىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى بەش ئالتۇن مېدال، ئىككى مىس مېدال ئالدى.

   مەملىكەتلىك U23 ياشلىقلار چېلىشىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى خەينەندە باشلاندى. بۇ مۇسابىقە گەرچە ياشلار دەرىجىلىك مۇسابىقىسى بولسىمۇ، بىراق، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، چېلىشىش، رۇداۋچە چېلىشىش تەنھەرىكەتلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە جۇڭگو چېلىشىش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇسابىقىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئازراقمۇ تۆۋەن ئەمەس. ياش ئامىلىنى ئويلاشقاندا، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان كۆپ ساندىكى ماھىرلار دۆلىتىمىزدىن 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چېلىشىش تۈرىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق ماھىرلار بولۇپ قالىدۇ.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مەملىكىتىمىزدىكى 23 ياشتىن تۆۋەن 500دىن كۆپ ماھىرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، مۇسابىقە ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش ۋە  ئەركىن چېلىشىش، ئاياللار ئەركىن چېلىشىش تۈرىگە ئايرىلغان بولۇپ، ھەر تۈرگە 10 دەرىجە تەسىس قىلىنغان. چېلىشىش تۈرىنىڭ «ئەزەلدىن كۈچلۈك كوماندىسى» بولغان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، رۇداۋچە چېلىشىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى توققۇز چېلىشچىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار بەش ئالتۇن مېدال، ئىككى مىس مېدال ئېلىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

  كونكرېت نەتىجە تۆۋەندىكىچە: 60 كىلوگىراملىقلار چېمپىيونى سەلتەنەت ئەركىنبېك، 67 كىلوگىراملىقلار چېمپىيونى جاڭىل نۇرلانقان، 77 كىلوگىراملىقلار چېمپىيونى سۇلايمان غوپۇر، 97 كىلوگىراملىقلار چېمپىيونى شاتتىق جۇنىس، 87 كىلوگىراملىقلار چېمپىيونى ئابدۇسەمى ھېكىم، 72 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۈچىنچى بولغان شىرئەلى تۇرسۇن، 130 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۈچىنچى بولغان قەيسەر تېلېۋقان.

  ــ تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردىن يەكۈنلىگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، مۇسابىقە تاكتىكىلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشىدى. بىز مەشقنى كۈچەيتتۇق، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ياخشى بولدى،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، رۇداۋچە چېلىشىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئالىم كېرەم.

  ئەمدى شىنجاڭلىق ماھىرلار داۋاملىق تۈردە ئەركىن چېلىشىش تۈرىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى