تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كۇۋەيت ئەمىرى ساباخ بىلەن سۆھبەتلەشتى

   ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو _ كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خەلق سارىيىدا كۇۋەيت ئەمىرى ساباخ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ساباخ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خەلق سارىيىدا كۇۋەيت ئەمىرى ساباخ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو – كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو – كۇۋەيت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، يېڭى مەنزىل ئېچىشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ ساباخنىڭ جۇڭگوغا 7 – قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ساباخنىڭ جۇڭگو – كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان ياخشى دوستلاردىن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن – ئاخىر سەمىمىي، دوستانە، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ھازىر دۇنيا ئۆزگىرىش، تەڭشىلىش بولۇۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ـــ ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كۇۋەيتنى دېڭىز قولتۇقى يۆنىلىشىدىكى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو كۇۋەيتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. كۇۋەيت جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئىمزالىغان دۆلەت. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىدە بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، سودا، سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو كۇۋەيت بىلەن ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ساباخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلغان تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت. كۇۋەيت ئۇلۇغ جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىل، ھەققانىيلىقنى ياقلىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى دەپ قارايدۇ. كۇۋەيت بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. مەن بۇ قېتىم زور كۆلەملىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى زىيارەتكە باشلاپ كەلدىم، كۇۋەيت جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بويىچە، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، دېڭىز قولتۇقى رايونى، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھچى بولدى. ئىككى تەرەپ يەنە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كۇۋەيت دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات››نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ساباخ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، ساۋ جيەنمىڭ، ۋاڭ يى، گۇ شېڭزۇ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.