تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ يەنە مۇنداقمۇ رولى بار

    چاڭ-توزاننى تازىلاش
    كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسىغا چاڭ-توزان ئاسان يىغىلىپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ كونۇپكا تاختىسىدىكى چاڭ-توزاننى تازىلاش بىر قەدەر تەس. بۇنداق ۋاقىتتا توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ، چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن كونۇپكىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىپ قالغان چاڭ-توزانلارنى تازىلىغاندا چاڭ-توزانلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يىغىلىپ قالغان چاڭ-توزانلارنىمۇ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تازىلاشقا بولىدۇ.

    شام، موم قالدۇقىنى چىقىرىش
    ئەگەر ئۈستەلگە شام، موم چاپلىشىپ قالغان بولسا، چاچ قۇرۇتقۇچ ئارقىلىق يۇمشاتقاندىن كېيىن پاكىز تازىلىۋېتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش
    كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئاپتاپقا سالماي كىيىم ئىشكابىغا ياكى كارىۋات ئاستىغا سېلىپ قويغاندا غەيرىي پۇراپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر كىيىم غەيرىي پۇراپ قالسا چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ سوغۇق شامىلى بىلەن كىيىمنى ئون مىنۇت ئەتراپىدا پۈۋلىسە غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.

    ئاياغنى قۇرغاق ساقلاش
    ئاياغ كىيىشتىن ئىلگىرى چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن ئاياغنى پۈۋلىسەك، ئاياغ قۇرغاق، راھەت تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ پۇت تەمرەتكىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    يېمەكلىكتىكى نەملىكنى يوقىتىش
    پىرەنىك نەم تارتىپ قالسا، چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتساق پىرەنىك دەرھال ئەسلىدىكى چۈرۈك ھالىتىگە كېلىدۇ.

    بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىشنى يىنىكلىتىدۇ
    ھەممىمىز لوڭقا قويۇشنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمەلىيەتتە چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ رولىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش. بويۇنغا يەل تۇرۇپ قالغاندا چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلى بىلەن مۈرە ئەتراپىنى پۈۋلىتىپ بەرسە ھەمدە ئۇۋۋۇلاپ بەرسە، شۇ كۈنىلا بويۇن ئاغرىقى يىنىكلەيدۇ.

    مۈرە ياللۇغىنى پەسەيتىش
    چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلى بىلەن مۈرىدىكى ياللۇغ بار ئورۇننى كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئۇدا بىر ھەپتە پۈۋلىتىپ بەرسەك، مۈرە ياللۇغى يىنىكلەيدۇ. چۈنكى ئىسسىق شامال قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئۇيىغان قاننى تارقىتىپ، تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

    توڭلاتقۇدىكى قىرونى ئېرىتىش
    توڭلاتقۇدا دائىم قېلىن بىر قەۋەت قىروۋ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنى قىرىپ چىقىرىۋېتىشمۇ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قىروۋ بار ئورۇننى پۈۋلەتسەك، قىروۋ ئاسان ئېرىيدۇ.

    قىشتا سوغۇقتىن ساقلىنىش
    قىشتا كىيىم ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى كىيىمنى چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلى بىلەن ئىسسىتقاندا، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

    پىلاستىرنى سويۇش
    پىلاستىرنى سويۇش تەس بولغاندا چاچ قۇرۇتقۇچتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى