تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قاتناش باشلاش ئالدىدىكى شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى

شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى پاراخوتتا تۇرۇپ شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

    جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، رەسمىي قاتناش باشلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ ئاۋمىن چوڭ قولتۇقى رايونى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

   شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى شياڭگاڭ دايۈشەن، ئاۋمېن يېرىم ئارىلى ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەي شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ تىپتىكى دېڭىز ھالقىغان يول بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ شەرقتە شياڭگاڭنىڭ دايۈشەن، غەربتە ئاۋمېن يېرىم ئارىلى ھەمدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە ۋاقتى ئىلگىرىكى ماشىنىدا تۆت سائەت، پاراخوتتا بىر سائەت قاتناشتىن ماشىنىدا يېرىم سائەت قاتناشقا قىسقىرايدۇ.

شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكىدىكى سۈنئىي ئارال.
يولۇچىلار پاراخوتى شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، پاراخوتتىكى يولۇچىلار كۆۋرۈكنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرەلەيدۇ.
شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكى.

شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكى.

(خۇڭ شاۋكۈي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى
  • كورلا شەھىرىدە كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى
  • كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى