تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش تەشۋىشلىنىشنى ياخشىلايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەر ئادەملەرنى يېڭى نەرسىلەرنى سىناپ بېقىشقا ھەمدە باتۇرلۇق بىلەن خەتەرگە يۈزلىنىشكە دەۋەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تەشۋىشلىنىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە سېسكىس داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى 168 سىناققا قاتناشقۇچىنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارغا بىر قۇتىسى 20 مىللىلىتىر كېلىدىغان ئاچچىق، تۇزلۇق، چۈچۈمەل، تاتلىق، تېتىتقۇلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مىنېرال سۇ ئىچكۈزگەن. ئاندىن كېيىن سىناققا قاتناشقان بۇ كىشىلەر تەقلىدىي «شار پۈۋلەش ئويۇنى» ئوينىغان. ئۇلار تەقلىدىي قۇرۇلما ئارقىلىق شارغا يەل ئۇرغان، شاردىكى يەل قانچە كۆپ بولسا ئۇتىدىغان پۇلى شۇنچە كۆپ بولغان؛ ئەگەر شار يېرىلىپ كەتسە ئۇلار بۇ پۇللاردىن ئايرىلىپ قالغان. مۇكاپات سوممىسىنىڭ ئىزچىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شارنىڭ ھەرقاچان يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن بولۇپ، داۋاملىق شار پۈۋلەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلار نەق پۇل ئالماشتۇرۇۋالغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار بۇ ئارقىلىق سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش دەرىجىسىنى ئۆلچىگەن. سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چۈچۈمەل تەملىك ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنلەرنىڭ شارغا يەل بېرىش مىقدارى باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنلەرگە قارىغاندا روشەن يۇقىرى بولغان، ئۇلارنى تاتلىق تەملىك (ساخاروزا)، ئاچچىق تەملىك (كوفېئىن)، تۇزلۇق (ناترىي خلورىد)، تېتىتقۇلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەل پۈۋلەش مىقدارى ئايرىم ھالدا %39،%20.5، %16.03،ۋە %40.29 كۆپ بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئادەملەرنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ خىرىس ۋە خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا تەشۋىشلىك كېسىلى ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار چۈچۈمەل تەملىك ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، بۇ ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. ئەكسىچە، خەۋپى چوڭراق كەسىپنى ئۈستىگە ئالىدىغانلار (مەسىلەن: ئۇچقۇچىلار) يېمەك-ئىچمەكتە چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

 

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى