تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە سۇ چېچىش ئاپتوموبىللىرى 24 سائەت مۇلازىمەت قىلماقتا

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى ( مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى )دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا قارىتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، بارلىق سۇ چېچىش ئاپتوموبىللىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، 24 سائەت ئارام ئالماي سۇ سېپىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتكەن، نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ چېچىش قېتىم سانى ھەر كۈنى 19 قېتىمغا، مۇھىم ۋە قوشۇمچە غول يوللاردا 10 قېتىمغا يەتكەن.

   -تېمپېراتۇرا ℃30 تىن يۇقىرى بولغان كۈنلىرى سۇ چېچىش قېتىم سانىنى كۆپەيتتۇق، ھازىرقى سۇ چېچىش قېتىم سانى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى،-دېدى تىيانشان رايونى مۇھىت تازىلىقى ئەخلەت توشۇش ئەترىتى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋجاڭ مۇخبىرغا.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە، تىيانشان رايونى شەرقىي دۇڭدالياڭ كوچىسى، قارلىغاچلىق يولى قاتارلىق قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان رايونلاردا ھەر كۈنى ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ سۇ چېچىش قېتىم سانى 19 غا، خەلق مەيدانى قاتارلىق ئادەم ۋە ئاپتوموبىللار بىر قەدەر كۆپ بولغان غول يول بۆلەكلىرىدە، ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ ھەر كۈنى سۇ چېچىش قېتىم سانى 15 كە يەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى
  • كورلا شەھىرىدە كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى
  • كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى