تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكىتىمىزدە راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار راكقا قارشى دورىلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى تۆۋەنلىتىشنىڭ كېيىنكى تەدبىرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدىن باشقا راكقا قارشى خاس دورىلارغا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار ئىجازەت بېرىش سۆھبىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

   5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىز ۋاقىتلىق باج نىسبىتى شەكلى ئارقىلىق، راكقا قارشى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەتتىكى دورىلار، راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بىيو ئىشقارلىق دورىلار ھەمدە ئەمەلىي ئىمپورت قىلىنغان تەييار جۇڭيى دورىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەچۈرۈم قىلدى. ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن بۇرۇن 2017-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا تىزىملىكى ئىجازىتى سۆھبىتى ئارقىلىق، «خېسەيتىڭ»، «مېيلوخۇا»، «ۋەنكې» قاتارلىق 15خىل داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، بىراق باھاسى بىر قەدەر قىممەت بولغان راكقا قارشى دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. كىلىنىكىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان كۆپ قىسىم دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە مەخسۇس خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باجنى تۆۋەنلىتىش تەسىرىنى تولۇق ئويلاشقان ئاساستا، بازار رىقابىتى ئارقىلىق باھانى تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدە بولمىغان راكقا قارشى خاس دورىلارغا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار ئىجازەت بېرىش سۆھبىتى قانات يايدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار كېڭىشىپ مۇۋاپىق باھا بېكىتكەندىن كېيىن مۇندەرىجە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىمارنىڭ كىلىنىكا ئېھتىياجى، كارخانىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسى ۋە فوندنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ.

   بۇ مەسئۇل خادىم يەنە مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار تەلەپكە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ دورىنى بالدۇر ئىشلىتىشى، ياخشى دورا ئىشلىتەلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش، دورا چىقىمى يۈكىنى تەدرىجىي يېنىكلىتىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، 2017-يىلى ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي چىقىمىنىڭ سەھىيە ئومۇمىي چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.8كە تۆۋەنلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 12 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. راكقا قارشى دورىلار جەھەتتە، كىلىنىكىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ ھەممىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى