تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەستايىدىل چىش چوتكىلىغاندا ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى چېن زىڭشى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىبرانى داشۆسى خاداسا ئېغىز بوشلۇقى تېببىي شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرى چىش مىلىكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيەنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىپ، قان ئايلىنىشى ئارقىلىق ئۈچەي يولىغا بېرىپ، راك كېسەللىكى ۋىرۇسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ياكى ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان ئۆسمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. كۈنىگە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلىغاندا باكتېرىيە ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى تازىلاپ، ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    باكتېرىيە قانغا كىرگەندىن كېيىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، قان تومۇرى ئىچكى دىۋارىنىڭ ياللۇغلىنىپ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن راك كېسىلى ۋىرۇسلىرى پەيدا بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا دەلىللىنىشىچە، ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان موكىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئادەتتىكى ھۈجەيرىلەرگە قارىغاندا نەچچە مىڭ ھەسسىدىن كۆپ ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈيدىكەن. بۇ خىل باكتېرىيە يەنە يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچەي راكى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. تېببىي خادىملار كىچىك تەجرىبە چاشقىنىنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى كۆك تومۇرغا موكىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۇرۇپ سىناق قىلغاندىن كېيىن يۇقىرىقى پەرەزنى دەلىللەپ چىققان. 

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى
  • كورلا شەھىرىدە كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى
  • كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى