تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

15-نۆۋەتلىك ماراكەش خەلقئارا ھېكايە بايرىمى باشلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رابات، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى: 15-نۆۋەتلىك ماراكەش خەلقئارا ھېكايە بايرىمى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ماراكەش پايتەختى راباتدا ئېچىلدى. جۇڭگو بۇ قېتىملىق ھېكايە بايرىمىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى بولدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ھېكايە بايرىمى شۇ كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا راباتتىكى داڭلىق مەنزىرە رايونى ئۇدايا قەلئەسىدە باشلاندى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل، سېرك، جىڭجۇي تىياتىرى قاتارلىق نادىر نومۇرلارنى ئورۇنداپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق تاشقى ئىشلار خادىملىرىنىڭ پەرزەنتلىرى چۆچەك تىياتىرىنى ئورۇنداپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھېكايە بايرىمىنىڭ باش تېمىسى «ئورمان» بولۇپ، بۇ بايرام بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن، 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق سەنئەتكار ھېكايە بايرىمى مەزگىلىدە نادىر نومۇرلارنى ئورۇندايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھېكايە بايرىمىدا يەنە «ئېغىز ئەدەبىياتى»نى چۆرىدىگەن ھالدا بىر يۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  جۇڭگونىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى جاۋ جياڭپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل جۇڭگو ــ ماراكەش دوستلۇقىنىڭ 60 يىللىقى، ماراكەش ھېكايە بايرىمى پۇرسىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى