خەلق تورى خەۋىرى: ياز پەسلى، مىڭلىغان ئۇقار سەھەر بىلەن تەڭ جياڭشى ئۆلكىسى شاڭلى ناھىيەسىنىڭ فۇتيەن بازىرى خۇڭيۈ ۋېنخۇا كەنتىدىكى بېلىق كۆلچىكىگە ئۇچۇپ كېلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. سۇ يۈزىدە قانات قېقىپ «ئۇسسۇلغا چۈشكەن» بۇ بىر توپ ئۇقار بەئەينى شېئىرى ھېسسىياتقا تولغان گۈزەل بىر پارچە سۈرەتكە ئوخشايدۇ.
يېقىندىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش» باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. (چېن بىن فوتوسى)