تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىز 2020-يىلىغىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرىدىن 200 نى قۇرىدۇ

    خەلق تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى 804 مىليون مو ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەردىن جەمئىي 57 سى، سۇلۇق تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايوندىن 602 سى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىن 898 ى بار بولۇپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتى %49.03 كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مەملىكەت بويىچە ئورمان شەھىرى تەرەققىيات پىلانى (2018-2025)» ئېلان قىلىنىپ، 2020-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرى توپىدىن ئالتىنى، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرىدىن 200 نى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1994-يىلىدىكى 133مىليارد 750 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2017-يىلىدىكى 7 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا سوممىسى 150مىليارد دوللارغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى