تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

8- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقىسى باشلاندى

   تەھرىر ئىلاۋىسى:  猫步 — كىيىم-كېچەك مودىللىرى سەھنىدە مودىل ماڭغاندىكى بىر خىل قائىدىلەشكەن قەدەم، يەنى يول ماڭغاندا ئىككى پۇتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن مەۋھۇم تۈز سىزىق ئېلىۋېلىپ، سول پۇت بىلەن قەدەم ئالغاندا پۇتنىڭ يەرگە تەگكەن قىسمى تۈز سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگىرەك، ئوڭ پۇت بىلەن قەدەم ئالغاندا پۇتنىڭ يەرگە تەگكەن قىسمى تۈز سىزىقنىڭ سول تەرىپىگىرەك قويۇپ ماڭىدىغان مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، مۈشۈكنىڭ مېڭىشى بۇ خىل مېڭىشقا ئوخشىغاچقا بۇنى «مۈشۈك قەدىمى»دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، 6-پەسىللىك جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى مەيدان دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى ئۈرۈمچى قاتارلىق 11 تارماق مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 50 سەنئەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىشىپ، يەسلىلەردە 6-ئاينىڭ بېشىدا ماس قەدەملىك تاللاش پائالىيىتى باشلاندى .

  مۆلچەرلىنىشىچە، 60 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ئارقىلىق، 40 مەيدانغا يېقىن تاللاش ، 10 مەيدان قايتا تاللاش، بىر مەيدان شىنجاڭ رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، 10-ئايدا 80 نەپەر كىچىك مودىل دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا يەنە 6-پەسىللىك جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ماھىرلار شەرەپ بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش،  مىس، ئون ياخشى، ئون كۈچلۈك، يەككە تۈر مۇكاپاتى قاتارلىق 13 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 6-پەسىللىك جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر پۈتۈن مەملىكەت، دۇنياغا شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 22 نەپەر ماھىر جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭغا بېرىپ، بالىلار كىيىم-كېچەك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.

  8- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنى جۇڭگو مەدەنىيەت ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆسمۈرلەر سەنئەت كەسپىي كومىتېتى ۋە جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مەملىكەتلىك تەشكىلىي كومىتېتى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى