تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈچ تارماق: خاسىڭ يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارغا «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن»لىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئۈچ تارماق بىرلىكتە خاسىڭ يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارغا «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن» لىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.

   جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېرسىيەت ۋە يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ ئالىي ئېنژېنىرى جياڭ تاۋ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پەن-تېخنىكا گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئاساسلىقى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا سودىگەرلىرىنىڭ بازاردىكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازارلاردىكى يېمەكلىك ياغلىرىغا قالايمىقان بەلگە قويۇشنى تۈزىتىپ قېلىپلاشتۇرىدۇ. بەزى كارخانىلار گېن ئالماشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن»لىك بەلگىسىنى قويغان، ئەمەلىيەتتە، خاسىڭ يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەت ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك يوق، «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن»لىك بەلگىسى قويۇش ناتوغرا ھايانكەشلىككە تەۋە. 

   ياغلارغا «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن»لىك بەلگىسى قويۇشقا نىسبەتەن، دۆلەت يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرلىكتە «يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش دېيىلدى) نى ئېلان قىلدى.

   «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دېيىلدى: گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ ماركا، چۈشەندۈرۈشىگە بەلگىلىمە بويىچە ئېنىق بەلگە قويۇش بەلگىلەندى. دۆلىتىمىز تەستىقلىمىغان ئىمپورت قىلىنغان پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان خام ئەشيا ھەمدە دۆلەت ئىچىدە تاۋارلاشتۇرۇپ تېرىشنى تەستىقلىمىغان، بازاردىكى ئەسلى بۇ خىلدىكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەت ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان مەھسۇلاتى بولمىغان، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ ماركا، چۈشەندۈرۈشىگە «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن» دېگەن بەلگىنى قويۇشقا بولمايدۇ.

   جياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز سۈپەت مۇندەرىجىسى بويىچە مەجبۇرىي بەلگە قويۇش ئۇسۇلىنى بىردىنبىر قوللىنىۋاتقان دۆلەت، شۇنداقلا گېنى ئۆزگەرتىلگەن مەھسۇلاتلارغا بەلگىنى كۆپرەك قويىدىغان دۆلەت. سۈپەت مۇندەرىجىسى بويىچە مەجبۇرىي بەلگە قويۇش يەنى ئومۇمەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلار گېنى ئۆزگەرتىلگەن تەركىب ياكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەنلا بولسا چوقۇم بەلگە قويۇلىدۇ.

   جياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن: خاسىڭ يېغى، زەيتۇن يېغى، گازىر يېغى، كامېللىيە يېغى، پالما يېغى قاتارلىق بۇ خىل گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەت ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك مەۋجۇت ئەمەس ياغلارغا نىسبەتەن، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بويىچە، كېيىن «گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن»دەپ بەلگە قويۇش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى