تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

تۇنساگۈل توختى: تىرىشچان ئايال ئەڭ گۈزەل

    شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى جاي كەنتىدىكى تۇنىساگۈل توختى بىر تەرەپتىن ئەتكەن چاي بىلەن مانتىنى ئىسسىتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كەيپىياتى بۆلەكچىلا روھلۇق كۆرۈنەتتى.

   بىر يېزا ئايالىدىن زاۋۇت ئىشچىسىغا ئايلانغان تۇنىساگۈل تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، تۇنىساگۈل بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئاق رەڭلىك خىزمەت فورمىسىنى كىيىپ، قىزىل رەڭلىك توكلۇق موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ  قوشنا كەنتتىكى زاۋۇتقا خىزمەتكە ماڭدى.

  -ھازىرقى خىزمىتىم ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، ئۆيدىمۇ ئوخشاشلا روھلۇق، جانلىق بولۇپ كەتتىم، بىز ئاياللار يېرىم دۇنيا،-دېدى تۇنىساگۈل. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەجدادتىن ئەۋلادقا دېھقان ئىدى، تۇنىساگۈل توققۇز يىل ئىلگىرى توي قىلغان بولۇپ، كۈنلىرى دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى.

  -بالا بولغاندىن كېيىن، چىقىم كۆپ بولىدىكەن، بۇ بىر نەچچە يىلدا يولدىشىم ئىككىمىز دائىم سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن بولساقمۇ، بىراق ماشىنا بېلىتى، يىمەك-ئىچمەك، ئۆي پۇلى قاتارلىقلارنى چىقىرۋەتكەندە قولىمىزدا ئۇنچە بەك كۆپ پۇل ئېشىپ قالمىدى،-دېدى تۇنىساگۈل. 2016-يىلدىن باشلاپ، ئۇنىڭ قېيىنئاپىسى ئاغرىپ قېلىپ، بالىلارغا قارايدىغان ئادەم قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن تۇنىساگۈل ئامالسىز ئۆيدە قېيىنئاپىسى ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  -شۇ كۈنلەردە ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يولدىشىمنىڭ تاپقان پۇلىغىلا قاراشلىق بولۇپ، كۈنىمىز ناھايىتى جاپالىق ئىدى،-دېدى تۇنىساگۈل ئەپسۇسلانغان ھالدا ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ.

  قىزىلسۇ ئوبلاستى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى جاڭ مىڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغانىمدىكى تەسىراتىم بەكلا چوڭقۇر. گەرچە بۇ ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ئائىلىدىكى چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن يىراقلارغا بېرىپ ئىشلىيەلمىگەن.

    خىزمەت ئەترىتى تۇنىساگۈلنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن،  ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ 43  مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، ئالتە كالا ئېلىپ بەردى ھەمدە كالىلارنى بورداپ كۆپەيتكەندىن كېيىن سېتىپ كىرىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

   تۇنىساگۈل مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، يولدىشىم ئىككىمىز قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن سىرت يەنە بانكىدا 3000 يۈەن پۇل ئامانەت قويدۇق. ھازىر سىياسەت ياخشى، پەقەت تىرىشىپ ياخشى ئىشلىسەكلا ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا.

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇنىساگۈل بۇ كۈننى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. -ئۇ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا خۇشخەۋەر ئەكەلدى، ئۇلار ماڭا قوشنا كەنتتىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا ئادەم ئالىدىغانلىقىنى، مېنىڭ بېرىپ ئىشلەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىدى،-دېدى تۇنىساگۈل. ئۇ شۇ چاغدا ئىنتايىن ھاياجانلانغان بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تېخنىكا بىلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى.

  زاۋۇتنىڭ ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى ئارقىلىق، تۇنىساگۈل بىر ئايدىن كېيىن ئېلېكتىرلىك كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشنى پىششىق ئۆگىنىپ، كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ رەسمىي ئىشچىسىغا ئايلاندى.

  -تەربىيەلەش ۋاقتىدا مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن كېلىپ، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگىنى بويىچە مەشىق قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا كىيىم تىكەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتىم،- دېدى تۇنىساگۈل. ئۇ تۇنجى مائاشىنى ئالغاندا ئۆز ھاياجىنىنى باسالماي ئادەم يوق يەرگە بېرىپ قاتتىق يىغلىغانىدى.

  شۇنچە ياشقا كىرىپ، تۇنجى قېتىم ئۆزۈم پۇل تاپتىم، بۇ يەر تېرىپ، قوي ساتقان پۇل ئەمەس، بەلكى  ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان پۇل. بۇ خىزمەت ئۆيۈمگە بەك يېقىن، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن،-دېدى تۇنىساگۈل. ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ يېزا بازىرىغا بېرىپ، يولدىشى ۋە بالىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىر قۇردىن كىيىم ئالدى.

   ھازىر، تۇنىساگۈل كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ تېخنىكا تايانچى بولۇپ قالدى، ئىلگىرىكى تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، ئېتىز-ئېرىق، چارۋا-مال ئەتراپىدىن ئەگىپ كېتەلمەيدىغان يېزا ئايالى كىيىم تىكىش ماشىنىسى مەشغۇلاتىغا پىششىق ھازىرقى زامان ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى كۆپىيىپ، تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلاندى.

   6-ئاينىڭ بېشىدا، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى تۈرى بويىچە مەنپەئەتلىنىش ئائىلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنىساگۈل يەنە 10 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئائىلىمىزدە تۇنجى بولۇپ زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىدىم، ھازىر مېنىڭ تاپقان پۇلۇم يولدىشىمنىڭكىدىن كۆپ، مەن تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كۈرەش ئارقىلىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن، تىرىشچان ئاياللار ئەڭ گۈزەل ئاياللاردۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى